Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ۋەھىي

ۋەھىي 11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ماڭا ئۆلچىگۈچ ھاسىدەك بىر قومۇش بېرىلىپ، مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ «بارغىن، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى، قۇربانگاھى ۋە ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى ئۆلچىگىن.   
2لېكىن ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يات تائىپىلەرگە بېرىلدى، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس شەھەر قىرىق ئىككى ئاي دەپسەندە قىلىنىدۇ.
3مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۆز كىيىم كىيىپ، ۋەھىي‫‪‎-‎‬‬بېشارەتلەرنى بىر مىڭ ئىككى يۈز ئاتمىش كۈن يەتكۈزىدۇ»
4(بۇلار يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغداندۇر).  
5بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈلۈپ چىقىپ، دۈشمەنلىرىنى يەپ تۈگىتىدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ.
6ئۇلار بېشارەت‫‪‎-‎‬‬ۋەھىينى يەتكۈزگەن كۈنلەردە يامغۇر ياغدۇرماسلىققا ئاسماننى ئېتىۋېتىش قۇدرىتىكە ئىگە؛ سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەرخىل بالا‫‪‎-‎‬‬ۋابا بىلەن يەر‫‪‎-‎‬‬زېمىننى خالىغان ۋاقىتتا ئۇرۇش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.
7ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىق ۋەزىپىسى ئاياغلىشىشى بىلەن، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ.  
8جەسەتلىرى روھىي جەھەتتىن سودوم ۋە مىسىر دەپ ئاتىلىدىغان شۇ كاتتا شەھەرنىڭ غول كوچىسىدا ياتىدۇ؛ شۇ يەردە ئۇلارنىڭ رەببىمۇ كرېستلەنگەنىدى.  
9ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلاردىن، ھەر ئەلدىن بولغان ئادەملەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا يول قويمايدۇ.
10يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇلارنىڭ بۇ ھالىدىن خۇشاللىنىپ، تەبرىكلىشىپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىگە ھەدىيەلەر ئەۋەتىشىدۇ؛ چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەر يەر يۈزىدىكىلەرنى قىينايتتى.
11لېكىن ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى ئىككىيلەنگە كىردى، ئۇلار ئورنىدىن پۇت تىرەپ تۇردى؛ ئۇلارغا قاراۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە چوڭ بىر قورقۇنچ چۈشتى.   
12ئاندىن ئۇلار ئىككەيلەنگە ئەرشتىن كەلگەن‫‪:‬‬ ــ «بۇ ياققا چىق!» دېگەن يۇقىرى بىر ئاۋازنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.
13دەل شۇ سائەت ئىچىدە شىددەتلىك يەر تەۋرەش يۈز بەردى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى دەككە‫‪‎-‎‬‬دۈككىگە چۆمۈپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.
14ئىككىنچى «ۋاي» ئۆتۈپ كەتتى؛ مانا، ئۈچىنچى «ۋاي» كېلىشكە ئاز قالدى.
15ئاندىن يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى؛ ئەرشتە يۇقىرى ئاۋازلار ئاڭلىنىپ مۇنداق دېيىلدى‫‪:‬‬ ــ «دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىنىڭ پادىشاھلىقى بولدى، ئۇ ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ».
16خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت ئاقساقال يەرگە يىقىلىپ باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى‫‪:‬‬ ــ
17«شۈكۈرلەر ئېيتىمىز ساڭا، ئى بار بولغۇچى ۋە بار بولغان ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، چۈنكى ئۇلۇغ قۇدرىتىڭنى قولۇڭغا ئېلىپ، ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.
18ئەللەر غەزەپلەنگەنىدى، ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى! ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىش، قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى، مۇقەددەس بەندىلەرنى، تۆۋەن ياكى كاتتا بولسۇن نامىڭدىن قورققانلارنى ئىنئامىغا ئىگە قىلىش، يەر يۈزىنى ھالاك قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى».

19ئاندىن خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئىبادەتخانىدا كۆرۈندى؛ چاقماقلار، تۈرلۈك ئاۋازلار، گۈلدۈرمامىلار ، يەر تەۋرەش ۋە دەھشەتلىك مۆلدۈر بولدى.