Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ۋەھىي

ۋەھىي 22

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئاندىن پەرىشتە ماڭا خرۇستالدەك پارقىراق ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. دەريا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن چىققان بولۇپ،   
2شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقانىدى. دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە ۋە ئۇ تەرىپىدىمۇ ئون ئىككى خىل مېۋە بېرىدىغان، ھەر ئايدا مېۋىلەيدىغان ھاياتلىق دەرىخى بار ئىدى؛ دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى ئەللەرنىڭ شىپاسى ئۈچۈن ئىدى.  
3لەنەت دېگەن ئەمدى بولمايدۇ؛ خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئۇنىڭ قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ خىزمەت‫‪‎-‎‬‬ئىبادىتىدە بولىدۇ.
4ئۇلار ئۇنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ؛ ئۇنىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە پۈتۈكلۈك بولىدۇ.
5ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا موھتاج بولمايدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ ئۈستىدە يورىدۇ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەدگىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ.
6پەرىشتە ماڭا‫‪:‬‬ ــ بۇ سۆزلەر ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىكتۇر؛ پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرىنىڭ رەب خۇداسى يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ئىشلارنى ئۆز قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، ــ دېدى.  
7(«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى تۇتقۇچى كىشى بەختلىكتۇر!»)  
8بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلغىلى ئايىغى ئالدىغا يىقىلدىم.
9لېكىن ئۇ ماڭا‫‪:‬‬ ــ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە قېرىنداشلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر بىلەن ئوخشاش قۇل‫‪‎-‎‬‬خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! ــ دېدى.
10ئۇ ماڭا يەنە‫‪:‬‬ ــ بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى پېچەتلىمە؛ چۈنكى بۇلارنىڭ ۋاقتى يېقىن كەلدى.   
11قەبىھلىك قىلغۇچى كىشى قەبىھلىكنى قىلىۋەرسۇن؛ پەسكەش كىشى بولسا پەسكەشلىكتە تۇرىۋەرسۇن؛ ھەققانىي كىشى بولسا ھەققانىيلىقىنى يۈرگۈزىۋەرسۇن؛ پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس كىشى بولسا پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكتە تۇرىۋەرسۇن، ــ دېدى.
12«مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن.  
13مەن «ئالفا» ۋە «ئومېگا»، بىرىنچى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددىمە ۋە خاتىمە ئۆزۈمدۇرمەن».  
14ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىسىدىن نېسىپ بولۇش ۋە دەرۋازىلىرىدىن شەھەرگە كىرىشكە مۇيەسسەر بولۇش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇغانلار بەختلىكتۇر!
15شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەر ــ ئىتلار، سېھىرگەرلەر، بۇزۇقلۇق قىلغۇچىلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلىققا خۇشتار بولغانلار ۋە ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر.
16«مەنكى ئەيسا جامائەتلەرنى دەپ سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ يىلتىزى ھەم نەسلى، پارلاق تاڭ يۇلتۇزىدۇرمەن!»
17روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز‫‪:‬‬ «كەل!» دەيدۇ. ئاڭلىغۇچى‫‪:‬‬ «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغۇچى ھەركىم كەلسۇن، خالىغان ھەركىم ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.  
18مەنكى بۇ كىتابتىكى بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئاگاھلاندۇرىمەنكى‫‪:‬‬ كىمدىكىم بۇ سۆزلەرگە بىرنېمىنى قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى قوشىدۇ.

19كىمدىكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابنىڭ سۆزلىرىدىن بىرەر سۆزنى ئېلىپ تاشلىسا، خۇدامۇ ئۇنىڭدىن بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بولىدىغان نېسىۋىسىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.
20ــ مانا، بۇلارغا ئاگاھ‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھ بەرگۈچى بولسا مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!» ــ «ئامىن! كەل، يا رەب ئەيسا!»
21رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!