Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - گالاتىيالىقلارغا

گالاتىيالىقلارغا 6

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قېرىنداشلار، ئاراڭلاردىن بىرسىنىڭ ھازىرمۇ بىر گۇناھ‫‪‎-‎‬‬سەۋەنلىك سادىر قىلىۋاتقانلىقى بايقالغان بولسا، ئاراڭلاردىكى روھىي كىشىلەر يۇۋاش‫‪‎-‎‬‬مۇلايىملىق روھى بىلەن ئۇنى يولىدىن قايتۇرۇپ كېلىڭلار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار.  
2بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
3چۈنكى بىرسىنىڭ تارازىغا توختىغۇدەك ئىشى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تارازىغا توختىغۇدەك دەپ چاغلىسا، ئۇ ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىنى ئالدىغانلىق، خالاس.
4لېكىن ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ تەكشۈرۈپ باقسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن باشقىلارنىڭكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەمەللىرىدىنلا پەخىرلەنگۈدەك ئىش بولسا، پەخىرلەنسە بولىدۇ.
5چۈنكى ھەربىر ئادەم ئۆز يۈكىنى كۆتۈرۈشى كېرەك.  
6خۇدانىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامىدىن تەلىم ئالغۇچى ئۆزىگە تەلىم بەرگۈچىنى ئۆزىدە بار بولغان ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن قىلسۇن.
7ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار ــ خۇدانى ئالداپ ئەخمەق قىلغىلى بولمايدۇ؛ چۈنكى كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ.
8ئۆز ئەتلىرىنىڭ ئارزۇ‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇق چاچقان كىشى ئۆز ئەتلىرىدىن چىرىكلىك ھوسۇلىنى ئالىدۇ. لېكىن روھنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇق چاچقان كىشى بولسا روھتىن مەڭگۈلۈك ھايات ئالىدۇ.
9شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ھارمايلى. ئۇنىڭغا ئېرىنمىسەك ۋاقتى‫‪‎-‎‬‬سائىتى توشقاندا چوقۇم ھوسۇل ئالالايمىز.
10شۇ سەۋەبتىن، بىزدە پۇرسەت بولسىلا، ھەممەيلەنگە، بولۇپمۇ ئېتىقادتىكى ئائىلىگە مەنسۇپ بولغانلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرەيلى.  
11مانا، ئۆز قولۇم بىلەن شۇنچە چوڭ ھەرپلەر بىلەن يازغىنىمغا قاراڭلار!
12سىلەرگە خەتنىنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرلىماقچى بولغانلار، ئۇلارنىڭ ھەربىرى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاشقى قىياپىتىنى پەردازلاپ كۆرسەتمەكچى بولغان، خالاس؛ ئۇلارنىڭ بۇ مەقسىتى پەقەت «مەسىھنىڭ كرېستى» تۈپەيلىدىن بولغان زىيانكەشلىكتىن قېچىشتىن ئىبارەت، خالاس.
13چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ خەتنە قىلىنغىنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمايدۇ؛ لېكىن ئۇلار ئەتلىرىڭلاردىن ماختىنىش ئۈچۈن بەرىبىر سىلەرنى خەتنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولىدۇ.
14ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى ئۆلۈمىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن ماختانمىغايمەن! چۈنكى ئۇنىڭ كرېستى ۋاسىتىسىدىن بۇ دۇنيا ماڭا نىسبەتەن كرېستلەنگەن ۋە مەنمۇ بۇ دۇنياغا نىسبەتەن كرېستلەنگەنمەن.
15چۈنكى مەسىھ ئەيسادا نە خەتنىلىك نە خەتنىسىزلىك دېگەنلەر كۈچكە ئىگە ئەمەستۇر؛ بىردىنبىر كۈچكە ئىگە بولىدىغىنى پەقەت يېڭى بىر يارالغۇچىدۇر!   
16بۇ قائىدە بويىچە ماڭىدىغانلارغا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە خۇدانىڭ ئىسرائىلىغا خاتىرجەملىك ۋە رەھىم‫‪‎-‎‬‬شەپقەت بولغاي!   
17بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم بۇ ئىشلار بىلەن يەنە مېنى ئاۋارە قىلمىسۇن! چۈنكى مەن ئۆز بەدىنىمدە ئەيسانىڭ يارا ئىزلىرىنى كۆتۈرىمەن!  
18قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى روھىڭلارغا يار بولغاي! ئامىن!