Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - گالاتىيالىقلارغا

گالاتىيالىقلارغا 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەنكى پاۋلۇس، روسۇل بولغان (ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس ياكى ئىنسانلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنى ئۆلگەنلەردىن تىرىلدۈرگۈچى خۇدائاتا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن)
2ۋە مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان بارلىق قېرىنداشلاردىن گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە سالام.
3خۇدائاتا ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھدىن سىلەرگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
4ئۇ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە بىزنى بۇ ھازىرقى رەزىل زاماندىن قۇتقۇزۇشقا ئۆزىنى گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن پىدا قىلدى؛
5خۇداغا بارلىق شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ئەبەدىل‫‪‎-‎‬‬ئەبەدگىچە بولغاي، ئامىن!
6سىلەر ئۆزۈڭلارنى مەسىھنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى ئارقىلىق چاقىرغۇچىنىڭ يېنىدىن شۇنچە تېز يىراقلاشتۇرۇپ باشقىچە بىر خىل «خۇش خەۋەر»گە ئەگىشىپ كېتىۋاتقىنىڭلارغا ئىنتايىن ھەيران قالماقتىمەن!
7ئەمەلىيەتتە ئۇ ھېچقانداق باشقا «خۇش خەۋەر» ئەمەستۇر! ــ پەقەتلا بەزى كىشىلەر سىلەرنى قايماقتۇرۇپ، مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنى بۇرمىلىماقچى بولغان، خالاس.
8لېكىن ھەتتا بىز ئۆزىمىز بولايلى ياكى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىشتە بولسۇن، بىرسى بىزنىڭ سىلەرگە جاكارلىغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر «خۇش خەۋەر»نى سىلەرگە جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!
9بىز بۇرۇن ئېيتقىنىمىزدەك، ھازىرمۇ مەن شۇنى ئېيتىمەنكى، بىرسى سىلەرنىڭ قوبۇل قىلغىنىڭلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر خۇش خەۋەرنى جاكارلىسا، بېشىغا لەنەت ياغسۇن!
10مەن خۇدانى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ ياكى ئىنسانلارنى ئىشەندۈرۈشۈم كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشىم كېرەكمۇ؟ مەن ئىنسانلارنى خۇرسەن قىلىشنى نىشان قىلغان بولسام، مەسىھنىڭ قۇلى بولمىغان بولاتتىم.   
11ئەمدى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرىمەنكى، مەن جاكارلايدىغان خۇش خەۋەر ئىنسانلاردىن كەلگەن ئەمەس.
12چۈنكى مەن ئۇنى ئىنساندىن قوبۇل قىلغىنىم يوق ياكى بىرەر كىشى ئۇنى ماڭا ئۆگەتكىنى يوق، بەلكى ئەيسا مەسىھ ماڭا ۋەھىي ئارقىلىق يەتكۈزگەن.
13چۈنكى سىلەر مېنىڭ يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا قانداق ھايات كەچۈرگەنلىكىم توغرۇلۇق ــ مېنىڭ خۇدانىڭ جامائىتىگە ئەشەددىي زىيانكەشلىك قىلىپ ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىمنى ئاڭلىغانسىلەر.   
14ھەمدە مەن يەھۇدىيلارنىڭ دىنىي يولىدا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن تەڭتۇشلىرىمدىن خېلىلا ئالدىدا تۇراتتىم ۋە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ساقلاشقا پەۋقۇلئاددە قىزغىن ئىدىم.
16ئەمما ئانامنىڭ قورسىقىدىن تارتىپ مېنى ئۆزى ئۈچۈن ئايرىپ، مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتى ئارقىلىق مېنى چاقىرغان خۇدا ئۆز ئوغلىنى ئەللەر ئارىسىدا جاكارلاش ئۈچۈن مەندە ئۇنى ئاشكارىلاشنى لايىق كۆرگىنىدە، مەن ھېچقانداق قان‫‪‎-‎‬‬ئەت ئىگىسى بىلەن مەسلىھەتلەشمەي،   
17ياكى يېرۇسالېمغا مەندىن ئىلگىرى روسۇل بولغانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماي، بەلكى ئۇدۇل ئەرەبىستانغا ئاتلاندىم. كېيىن دەمەشققە قايتىپ كەلدىم.
18ئاندىن ئۈچ يىلدىن كېيىن يېرۇسالېمغا پېترۇس بىلەن تونۇشۇشقا باردىم ۋە ئۇنىڭ قېشىدا ئون بەش كۈن تۇردۇم.
19ئەمما شۇ چاغدا رەبنىڭ ئىنىسى ياقۇپتىن باشقا روسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بىلەن كۆرۈشمىدىم.

20مانا، مېنىڭ سىلەرگە ھازىر يازغىنىم خۇدا ئالدىدا ھېچ يالغان ئەمەس!
21كېيىن، مەن سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىگە باردىم.
22ئەمما يەھۇدىيەدىكى مەسىھدە بولغان جامائەتلەر مېنى چىرايىمدىن تونۇمايتتى.
23ئۇلار پەقەت بۇرۇن بىزگە زىيانكەشلىك قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى شۇ چاغدا يوقاتماقچى بولغان ئېتىقادنى ھازىر خۇش خەۋەر دەپ جاكارلىماقتا، دەپ ئاڭلىغانىدى؛
24شۇنىڭدەك ئۇلار مېنىڭ سەۋەبىمدىن خۇدانى ئۇلۇغلىدى.