Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - گالاتىيالىقلارغا

گالاتىيالىقلارغا 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئى ئەقىلسىز گالاتىيالىقلار، كۆز ئالدىڭلاردا ئەيسا مەسىھ ئېنىق سۈرەتلەنگەن، ئاراڭلاردا كرېستلەنگەندەك كۆرۈنگەنىكەن، كىم سىلەرنى ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلىشتىن ئازدۇرۇپ سېھىرلىدى؟  
2مەن پەقەت شۇنىلا سىلەردىن سوراپ بىلەيكى‫‪:‬‬ ــ سىلەر روھنى تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىش ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ، ياكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلدىڭلارمۇ؟
3سىلەر شۇنچە ئەقىلسىزمۇ؟ روھقا تايىنىپ ھاياتنى باشلىغانىكەنسىلەر، ئەمدىلىكتە ئەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتمەكچىمۇ؟
4سىلەر ئېتىقاد يولىدا بولغان شۇنچە كۆپ ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى بىكارغا تارتتىڭلارمۇ؟ دەرۋەقە بىكارغا كەتتىغۇ؟!
5سىلەرگە روھنى تەمىنلىگۈچى، ئاراڭلاردا مۆجىزىلەرنى يارىتىۋاتقۇچى بۇ كارامەتلەرنى سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلىپ تايانغىنىڭلاردىن قىلامدۇ، ياكى ئاڭلىغان خەۋەرگە باغلىغان ئىشەنچ‫‪‎-‎‬‬ئېتىقادىڭلاردىن قىلامدۇ؟
6مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگەندەك‫‪:‬‬ «ئىبراھىم خۇداغا ئېتىقاد قىلدى؛ بۇ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ھېسابلاندى».
7شۇنىڭ ئۈچۈن، شۇنى چۈشىنىشىڭلار كېرەككى، ئېتىقادتىن تۇغۇلغانلارلا ئىبراھىمنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدۇر.
8مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىشى ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي قىلىدىغانلىقى ئالدىنئالا كۆرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئىبراھىمغا‫‪:‬‬ «سەندە بارلىق ئەل‫‪‎-‎‬‬مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىنىدۇ» دەپ خۇش خەۋەرنى ئالدىن ئېيتقانلىقى خاتىرىلەنگەنىدى.  
9شۇنىڭ بىلەن، ئېتىقادتىن بولغانلار ئېتىقاد قىلغۇچى ئىبراھىم بىلەن تەڭ بەخت تاپىدۇ.
10لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىمىز دەپ يۈرگەنلەر بولسا ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان‫‪:‬‬ «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە ئۈزلۈكسىز ئەمەل قىلمايۋاتقان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالىدۇ».   
11يەنە روشەنكى، ھېچكىم خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇنغا ئىنتىلىش ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنمايدۇ؛ چۈنكى مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغىنىدەك‫‪:‬‬ ــ «ھەققانىي ئادەم ئىشەنچ‫‪‎-‎‬‬ئېتىقادى بىلەن ھايات بولىدۇ».   
12ئەمما قانۇن يولى ئېتىقاد يولىغا ئاساسلانغان ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابتا‫‪:‬‬ ــ «قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغۇچى شۇ ئىشلار بىلەن ھايات بولىدۇ» دېيىلگەندەكتۇر.   
13ھالبۇكى، مەسىھ بىزنى تەۋرات قانۇنىدىكى لەنەتتىن ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئورنىمىزدا لەنەت بولۇپ بەدەل تۆلىدى. بۇ ھەقتە مۇقەددەس يازمىلاردا‫‪:‬‬ «ياغاچقا ئېسىلغان ھەربىر كىشى لەنەتكە قالغان ھېسابلانسۇن» دەپ يېزىلغان.   
14شۇنىڭ بىلەن مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق ئىبراھىمغا ئاتا قىلىنغان بەخت يات ئەللىكلەرگىمۇ كەلتۈرۈلۈپ، بىز ۋەدە قىلىنغان روھنى ئېتىقاد ئارقىلىق قوبۇل قىلالايمىز.
15قېرىنداشلار، مەن ئىنسانلارچە سۆزلەيمەن؛ ھەتتا ئىنسانلار ئارىسىدا ئۆزئارا ئەھدە تۈزۈلسىمۇ، باشقا ھېچكىم ئۇنى يوققا چىقىرىۋېتەلمەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە قوشالمايدۇ.   
16شۇنىڭدەك، خۇدانىڭ ئەھدىسىدىكى ۋەدىلەر ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە ئېيتىلغان. مۇقەددەس كىتابتا ئۇ‫‪:‬‬ «ۋە سېنىڭ نەسىللىرىڭگە»، (يەنى، كۆپ كىشىلەرگە) دېمەيدۇ، بەلكى «سېنىڭ نەسلىڭگە»، (يەنى يالغۇز بىر كىشىگىلا)، دەيدۇ ــ بۇ «نەسىل» مەسىھدۇر.   
17مەن شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇدانىڭ مەسىھكە ئالدىن تۈزگەن بىر ئەھدىسىنى تۆت يۈز ئوتتۇز يىلدىن كېيىن چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ، خۇدانىڭ بۇ ۋەدىسىنى ھېچ بىكار قىلالمايدۇ.   
18چۈنكى ۋەدە قىلىنغان مىراس قانۇنغا ئاساسلانغان بولسا، مانا ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئاساسلانغان بولمايتتى؛ لېكىن خۇدا شاپائەت بىلەن ئۇنى ئىبراھىمغا ۋەدە ئارقىلىق ئاتا قىلغان.  

19ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسەت نېمە؟ ئۇ بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، خۇدانىڭ مىراسى ۋەدە قىلىنغۇچى، يەنى ئىبراھىمنىڭ نەسلى دۇنياغا كەلگۈچە قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن؛ ئۇ پەرىشتىلەر ئارقىلىق بىر ۋاسىتىچىنىڭ قولى بىلەن بېكىتىلىپ يولغا قويۇلغان.   
20ئەمما «ۋاسىتىچى» بىر تەرەپنىڭلا ۋاسىتىچىسى ئەمەس (بەلكى ئىككى تەرەپنىڭكىدۇر)، لېكىن خۇدا ئۆزى پەقەت بىردۇر.
21ئۇنداقتا، تەۋرات قانۇنى خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە زىتمۇ؟ ياق، ھەرگىز! ئەگەر بىرەر قانۇن ئىنسانلارنى ھاياتلىققا ئېرىشتۈرەلەيدىغان بولسا، ئۇنداقتا ھەققانىيلىق جەزمەن شۇ قانۇنغا ئاساسلانغان بولاتتى.
22ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلار پۈتكۈل ئالەمنى گۇناھنىڭ ئىلكىگە قاماپ قويغان؛ بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئەيسا مەسىھنىڭ ساداقەت‫‪‎-‎‬‬ئېتىقادى ئارقىلىق ۋەدىنىڭ ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا بېرىلىشى ئۈچۈندۇر.
23لېكىن ئېتىقاد يولى كېلىپ ئاشكارە بولغۇچە، بىز تەۋرات قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىپ، ئاشكارە بولىدىغان ئېتىقادنى كۈتۈشكە قاماپ قويۇلغانىدۇق.
24شۇ تەرىقىدە، بىزنىڭ ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن تەۋرات قانۇنى بىزگە «تەربىيىلىگۈچى» بولۇپ، بىزنى مەسىھكە يېتەكلىدى.   
25لېكىن ئېتىقاد يولى ئاشكارا بولۇپ، بىز ئەمدى يەنە «تەربىيىلىگۈچى»نىڭ نازارىتىدە ئەمەسمىز.
26چۈنكى ھەممىڭلار مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغۇللىرى بولدۇڭلار.   
27چۈنكى ھەرقايسىڭلار مەسىھگە كىرىشكە چۆمۈلدۈرۈلگەن بولساڭلار، مەسىھنى كىيىۋالغان بولدۇڭلار.   
28مەسىھدە نە يەھۇدىي بولمايدۇ نە گرېك بولمايدۇ، نە قۇل بولمايدۇ نە ھۆر بولمايدۇ، نە ئەر بولمايدۇ نە ئايال بولمايدۇ، ھەممىڭلار مەسىھ ئەيسادا بىر بولىسىلەر.   
29سىلەر مەسىھكە مەنسۇپ بولغانىكەنسىلەر، سىلەرمۇ ئىبراھىمنىڭ نەسلى بولىسىلەر ۋە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلىنغان بەخت‫‪‎-‎‬‬سائادەتكە مىراسخوردۇرسىلەر.