Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - گالاتىيالىقلارغا

گالاتىيالىقلارغا 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1يەنە بۇنىڭدىن ئون تۆت يىل كېيىن، مەن بارناباس بىلەن يېرۇسالېمغا چىقتىم؛ تىتۇسنىمۇ ھەمراھ قىلىپ باردىم.  
2مەن بىر ۋەھىيگە بىنائەن شۇ يەرگە بارغانىدىم؛ ۋە مەن بىكار چاپمىغىنىمنى ياكى بىكار چاپمايۋاتقىنىمنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ئالدىدا (ئەمەلىيەتتە پەقەت «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى»دەكلەرگە ئايرىم ھالدا) ئەللەر ئارىسىدا جاكارلايدىغان خۇش خەۋەرنى بايان قىلدىم.  
3نەتىجىدە، ھەتتا ماڭا ھەمراھ بولغان تىتۇس يۇنانلىق بولسىمۇ، خەتنىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلانمىدى؛  
4شۇ چاغدىكى «خەتنە» مەسىلىسى» بولسا، بىزنىڭ مەسىھ ئەيسادا مۇيەسسەر بولغان ھۆرلۈكۈمىزنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئارىمىزغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان، بىزنى قۇللۇققا چۈشۈرۈشمەكچى بولۇپ، يالغانچىلىق قىلغان ساختا قېرىنداشلار تۈپەيلىدىن بولغانىدى.  
5لېكىن بىز خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى سىلەردىن مەھرۇم قىلىنمىسۇن دەپ ئۇلارغا ھەتتا بىر سائەتچىمۇ يول قويغىنىمىز يوق؛
6لېكىن ئابرۇيلۇق ھېسابلانغان ئادەملەردىن بولسا (مېنىڭ ئۇلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارىم يوق؛ خۇدا ھېچقانداق ئىنساننىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلمايدۇ!) ــ مۇشۇ ئابرۇيلۇق ئەربابلار دەپ سانالغانلارنىڭ مەندىكى خۇش خەۋەرگە قوشقىنى يوق ئىدى.  
7دەل ئەكسىچە، خۇش خەۋەرنى خەتنە قىلىنغانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى پېترۇسقا تاپشۇرۇلغاندەك، خەتنىسىزلەرگە يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ماڭا تاپشۇرۇلغان دەپ تونۇپ يېتىپ
8(چۈنكى پېترۇسنى خەتنىلىكلەرگە روسۇللۇققا كۈچلەندۈرگۈچى بولسا، مېنىمۇ ئەللەرگە روسۇل بولۇشقا كۈچلەندۈرگەنىدى)،
9ماڭا ئاتا قىلىنغان شۇ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتنى تونۇپ يەتكەن «جامائەتنىڭ تۈۋرۈكلىرى» ھېسابلانغان ياقۇپ، كېفاس ۋە يۇھاننالار بولسا، سىلەر ئەللەرگە بېرىڭلار، بىز خەتنىلىكلەرگە بارايلى دەپ بارناباس بىلەن ئىككىمىزگە ھەمدەملىك ئوڭ قولىنى بېرىشتى.
10ئۇلارنىڭ بىزگە پەقەت كەمبەغەللەرنى ئۇنتۇماڭلار دېگەن بىرلا تەلىپى بار ئىدى؛ مەن دەل بۇ ئىشقا قىزغىن بولۇپ كېلىۋاتاتتىم.  
11بىراق، كېيىن پېترۇس ئانتاكيا شەھىرىگە كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكى ئېنىق بولغاچقا، مەن ئۇنى يۈزتۇرانە ئەيىبلىدىم.
12چۈنكى ياقۇپنىڭ يېنىدىن بەزى ئادەملەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇ يات ئەللىكلەر بىلەن ھەمداستىخان بولغانىدى؛ بىراق ئۇلار كەلگەندە، خەتنىلىكلەردىن قورقۇپ شۇ قېرىنداشلاردىن ئۆزىنى تارتتى.
13ھەتتا باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار ئۇنىڭ بۇ ساختىلىقىغا قوشۇلۇپ كەتتى؛ ھەتتا بارناباسمۇ ئازدۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىگە شېرىك بولدى.
14ئەمما مەن ئۇلارنىڭ خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتى بويىچە دۇرۇس ماڭمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىلا پېترۇسقا‫‪:‬‬ «سەن يەھۇدىي تۇرۇپ، يەھۇدىيلارنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشىماي، بەلكى يات ئەللىكلەردەك ياشاۋاتىسەن؛ شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمىشقا سەن يات ئەللىكلەرنى يەھۇدىيلاردەك ياشاشقا زورلىماقچىمۇسەن؟» ــ دېدىم،
15ۋە يەنە‫‪:‬‬ «بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، «گۇناھكار دەپ قارالغان يات ئەللىكلەر»دىن ئەمەسمىز،
16لېكىن ئىنسان تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئېتىقاد‫‪‎-‎‬‬ساداقەتلىكى بىلەن ھەققانىي قىلىنىدۇ دەپ بىلىمىز. شۇڭا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىش بىلەن ئەمەس، بەلكى مەسىھگە باغلانغان ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي قىلىنىشىمىز ئۈچۈن بىزمۇ مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلدۇق ــ چۈنكى ھېچ ئەت ئىگىسى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھەققانىي قىلىنمايدۇ» ــ دېدىم.  
17ئەمما مەسىھتە ھەققانىي قىلىنىشقا ئىزدەنگىنىمىزدە، بىزمۇ «گۇناھكار» دەپ ئىسپاتلانغان بولساقمۇ، مەسىھ ئەمدى گۇناھنىڭ خىزمىتىدە بولغۇچىمۇ؟! ياق، ھەرگىز!
18ئەمما مەن ئەسلىدە غۇلاتقان نەرسىلەرنى قايتىدىن قۇرسام، ئۆزۈمنى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغۇچى دەپ ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن بولىمەن.

19چۈنكى مەن تەۋرات قانۇنى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈم؛ نەتىجىدە، مەن خۇداغا يۈزلىنىپ ياشاۋاتىمەن.   
20مەن مەسىھ بىلەن بىللە كرېستلەنگەنمەن، لېكىن مانا، ياشاۋاتىمەن! لېكىن ياشاۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى مەندە تۇرۇۋاتقان مەسىھدۇر. ۋە مېنىڭ ھازىر ئەتلىرىمدە ياشاۋاتقان ھايات بولسا، مېنى سۆيگەن ۋە مەن ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغان خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئىمان‫‪‎-‎‬‬ئېتىقادىدىندۇر.   
21مەن خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقىتىنى بىكار قىلىۋەتمەيمەن؛ چۈنكى ھەققانىيلىق تەۋرات قانۇنى ئارقىلىق كېلىدىغان بولسا، مەسىھنىڭ ئۆلۈشى بىكاردىن‫‪‎-‎‬‬بىكار بولۇپ قالاتتى.