6شۇڭا دەل شۇ سەۋەبتىن، ئۆلگەنلەر ئەتتە ياشاۋاتقان ئىنسانلار سوراق قىلىنىدىغاندەك سوراق قىلىنىپ، خۇداغا نىسبەتەن روھتا ياشىسۇن دەپ، ئۇلارغىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلگەن.
7ئەمدى بارلىق ئىشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ شۇڭا، سالماق بولۇڭلار ۋە دۇئا قىلىشقا سەگەك تۇرۇڭلار.
8لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، بىر-بىرىڭلارغا قىزغىن مېھىر-مۇھەببەتتە تۇرۇۋېرىڭلار. چۈنكى «مېھىر-مۇھەببەت نۇرغۇنلىغان گۇناھلارنى ياپار».
9بىر-بىرىڭلاردىن ئاغرىنماي ئۆزئارا مېھماندوست بولۇڭلار.
10خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا ئاتا قىلىنغان ئىلتىپاتقا بىنائەن، ئۇنىڭ ھەرتەرەپلىك مېھرى-شەپقىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزىدىغان ياخشى غوجىدارلار سۈپىتىدە، بۇ ئىلتىپات بىلەن بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.
11كىم سۆز قىلسا، ئۇ خۇدانىڭ كالام-بېشارەتلىرىنى يەتكۈزگۈچى سۈپىتىدە سۆزلىسۇن. كىم باشقىلارغا خىزمەت قىلسا، ئۇ خۇدا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرىتى بىلەن خىزمەت قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، خۇدا ھەممە ئىشتا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا ئەبەدىلئەبەدگىچە مەنسۇپتۇر، ئامىن!
12سۆيۈملۈكلىرىم، ئوتلۇق سىناقنىڭ بېشىڭلارغا چۈشكەنلىكىگە قاراپ، ئاجايىب ئىشقا يولۇقۇپ قالدىم، دەپ ھەيران قالماڭلار.
13بەلكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قانداق ئورتاق بولغان بولساڭلار، سىلەر شۇنداق شادلىنىڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ شان-شەرىپى ئايان قىلىنغىنىدا، سىلەرمۇ يايراپ شادلىنىسىلەر.
14سىلەر مەسىھنىڭ نامى تۈپەيلىدىن ھاقارەتكە ئۇچرىساڭلار، بەختلىك بولىسىلەر! چۈنكى شان-شەرەپنىڭ روھى، يەنى خۇدانىڭ روھى ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەن بولىدۇ.
15ئاراڭلاردىن بىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى ھەرگىزمۇ قاتىل، ئوغرى، رەزىل ياكى چېپىلغاق بولۇش سەۋەبىدىن بولمىسۇن.
16بىراق چەككەن ئازاب-ئوقۇبىتى «مەسىھىي» دەپ ئاتالغانلىقى سەۋەبىدىن بولسا، ئۇ بۇنىڭدىن نومۇس قىلمىسۇن؛ ئەكسىچە، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغانلىقى ئۈچۈن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇسۇن.
17چۈنكى سوراقنىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتى-سائىتى كەلدى؛ سوراق ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن باشلىنىدۇ؛ ۋە ئەگەر بىز بىلەن باشلانسا، ئۇ ھالدا خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىگە قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى نېمە بولار؟
18دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: ــ «ئەگەر ھەققانىيلارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى تەس بولسا، ئىخلاسسىزلار ھەم گۇناھكارلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟»