Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پېترۇس «1»

پېترۇس «1» 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2شۇنىڭغا ئوخشاش، ئى ئاياللار، سىلەر ئەرلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھەتتا سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئەرلەر بولسا، ئۆز ئايالىنىڭ بۇ پەزىلىتىدىن تەسىرلىنىپ، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزگەن پاك يۈرۈش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشىڭلارغا قاراپ، گەپ‫‪‎-‎‬‬سۆزسىزلا قايىل قىلىنىدۇ.
3گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىن، يەنى ئالاھىدە ئۆرۈۋالغان چېچىڭلار ۋە تاقىغان ئالتۇن زىبۇ‫‪‎-‎‬‬زىننەتلەردىن ياكى ئېسىل كىيىملەردىن بولمىسۇن،
4بەلكى «قەلبىڭلاردىكى ئۆزۈڭلار»، يەنى مۆمىن ۋە تىنچ روھتىن بولغان چىرىماس گۈزەللىكتىن بولسۇن؛ بۇنداق گۈزەللىك خۇدانىڭ ئالدىدا ئىنتايىن قىممەتلىكتۇر.
5چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا، خۇداغا ئۈمىدىنى باغلىغان ئىخلاسمەن ئاياللار دەل مۇشۇنداق گۈزەللىك بىلەن ئۆزلىرىنى زىننەتلەپ، ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلاتتى.
6دەل مۇشۇنداق يولدا ساراھ ئىبراھىمنى «غوجام» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ سۆزلىرىگە بويسۇناتتى. سىلەر ھېچقانداق ۋەسۋەسىلەردىن قورقماي ئىشلارنى دۇرۇس قىلساڭلار، سىلەرمۇ ساراھنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بولىسىلەر.  
7شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەي ئەرلەر، سىلەرمۇ ئاياللىرىڭلار بىلەن تۇرۇشتا، ئۇلارنى ئايال كىشىلەر بىزدىن ئاجىز بەندىلەر دەپ بىلىپ ئۇلارنى چۈشىنىپ يېتىڭلار؛ سىلەر ئۇلار بىلەن خۇدا شاپائەت قىلغان ھاياتقا ئورتاق مىراسخور بولۇپ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، دۇئالىرىڭلار توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ.  
8ئاخىرىدا، ھەممىڭلار بىر نىيەت بىر مەقسەتتە، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارغا ھەمدەرد بولۇپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، ئىچ‫‪‎-‎‬‬باغرى يۇمشاق ۋە كەمتەر بولۇڭلار.  
9يامانلىققا يامانلىق، ئاھانەتكە ئاھانەت بىلەن ئەمەس، ئەكسىچە، بەخت تىلەش بىلەن جاۋاب قايتۇرۇڭلار. چۈنكى سىلەر دەل بۇ ئىشقا چاقىرىلغانسىلەر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭلار بەختكە مىراسخور بولىسىلەر.
10چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك‫‪:‬‬ ــ «كىمكى ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كۆرگۈچى بولاي دېسە، تىلىنى يامانلىقتىن تارتسۇن، لەۋلىرى مەككارلىقتىن نېرى بولسۇن؛
11يامانلىقتىن ئۆزىنى تارتىپ، گۈزەل ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرسۇن؛ ئامان‫‪‎-‎‬‬خاتىرجەملىكنى ئىزدەپ، ئۇنى قوغلاپ يۈرسۇن.  
12چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ كۆزى ھەققانىيلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ قۇلىقى ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا ئوچۇق تۇرىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ يۈزى رەزىللىك يۈرگۈزگۈچىلەرگە قارشى تۇرىدۇ».  
13ئەگەر سىلەر دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئىنتىلسەڭلار، كىم سىلەرگە يامانلىق قىلار؟
14لېكىن ھەتتا ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، ئوخشاشلا بەختلىكسىلەر! لېكىن ئۇلارنىڭ ۋەھىمىسىدىن قورقماڭلار ۋە ئالاقزادە بولماڭلار؛   
15بەلكى قەلبىڭلاردا رەب مەسىھنى ھەممىدىن ئۈستۈن دەپ بىلىڭلار؛ سىلەردە بولغان ئۈمىدنىڭ سەۋەبىنى سورىغانلارغا مۆمىن‫‪‎-‎‬‬مۇلايىملىق ۋە ئىخلاسلىق بىلەن جاۋاب بېرىشكە ھەمىشە تەييار تۇرۇڭلار.   
16ھەردائىم ۋىجدانىڭلارنى پاك تۇتۇڭلار؛ شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە «يامانلىق قىلغۇچىلار» دەپ تۆھمەت قىلغانلار سىلەرنىڭ مەسىھدە بولغان پەزىلەتلىك يۈرۈش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشۇڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.
17چۈنكى خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇنداق بولسا، ياخشىلىق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت چەكسەڭلار، بۇ يامان ئىش قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت چەككىنىڭلاردىن ئەۋزەل، ئەلۋەتتە.
18چۈنكى مەسىھ بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇش ئۈچۈن، يەنى ھەققانىي بولغۇچى ھەققانىي ئەمەسلەرنى دەپ، بىرلا قېتىملىق ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت چەكتى؛ گەرچە ئۇ تەن جەھەتتە ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن روھتا جانلاندۇرۇلدى؛  
19شۇنىڭ بىلەن ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى جاكارلىدى.   

20سولاپ قويۇلغان بۇ روھلار بۇرۇنقى زاماندا، يەنى نۇھ پەيغەمبەرنىڭ كۈنلىرىدە، كېمە ياسىلىۋاتقان مەزگىلدە خۇدا سەۋرچانلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ توۋا قىلىشىنى كۈتكىنىدە، ئۇنىڭغا ئىتائەتسىزلىك قىلدى. پەقەت شۇ كېمىگە كىرگەن بىرقانچىسى، يەنى جەمئىي سەككىز جان سۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدى.   
21مانا بۇ «سۇغا چۆمۈلدۈرۈش»نىڭ بېشارىتى بولغان. ئەمدى چۆمۈلدۈرۈش ــ بەدەننىڭ كىردىن تازىلىنىشى ئەمەس، بەلكى ئادەمنىڭ پاك ۋىجدان بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق خۇدادىن تىلىگەن تەلىپى ــ بىزنى ھازىر قۇتقۇزۇۋاتىدۇ   
22(مەسىھ تىرىلىپ ئەرشكە چىقىپ، پەرىشتىلەر، بارلىق روھىي ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەر ئۇنىڭغا بوسۇندۇرۇلدى ۋە ئۇ خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرماقتا).