Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - پېترۇس «1»

پېترۇس «1» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەيسا مەسىھنىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پېترۇستىن پونتۇس، گالاتىيا، كاپادوكىيا، ئاسىيا ۋە بىتىنىيە ئۆلكىلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان مۇساپىر بەندىلەرگە سالام.  
2سىلەر خۇدائاتىنىڭ ئالدىن بىلگىنى بويىچە تاللىنىپ، روھ تەرىپىدىن پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس قىلىندىڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ ئىتائىتىدە بولۇشۇڭلار ۋە قېنىنىڭ ئۈستۈڭلارغا سېپىلىشى ئۈچۈندۇر. مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك سىلەرگە ھەسسىلەپ ئاتا قىلىنغاي!  
3ئۆزىنىڭ زور رەھىمدىللىكى بىلەن، ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى ئارقىلىق بىزنى يېڭىدىن تۇغدۇرۇپ، ئۆلمەس ئۈمىدكە نېسىۋە قىلغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدائاتىسىغا مۇبارەك‫‪‎-‎‬‬مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي!
4دېمەك، سىلەر ئۈچۈن چىرىمەس، داغسىز ۋە سولماس مىراس ئەرشلەردە ساقلانماقتا.
5ئاخىر زاماندا ئاشكارىلىنىشقا تەييارلانغان نىجات ئۈچۈن، سىلەر ئېتىقادىڭلار بىلەن خۇدانىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قوغدالماقتىسىلەر.
6سىلەر بۇ نىجاتتىن زور شادلىنىسىلەر ــ گەرچە ھازىر زۆرۈر تېپىلغاندا سىلەرنىڭ ھەرخىل سىناقلار تۈپەيلىدىن قىسقا ۋاقىت ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەت چېكىشىڭلارغا توغرا كەلسىمۇ.
7ئالتۇن ھامان يوقىلىپ كېتىدىغان نەرسە بولسىمۇ، ساپلىقى ئوت بىلەن سىنىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئالتۇندىن تولىمۇ قىممەتلىك بولغان ئېتىقادىڭلار سىنىلىپ ئىسپاتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسا مەسىھ قايتا ئاشكارىلانغان ۋاقتىدا مەدھىيە، شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ۋە ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ.   
8ئەيسا مەسىھنى ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان بولساڭلارمۇ، ئۇنى سۆيۈپ كەلدىڭلار؛ ۋە ھازىرمۇ ئۇنى كۆرمەيسىلەر، لېكىن ئۇنىڭغا يەنىلا ئېتىقات قىلىپ قەلبىڭلار ئىپادىلىگۈسىز شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپكە تولغان خۇشاللىق بىلەن يايرايدۇ.
9شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئېتىقادىڭلارنىڭ نىشانى، يەنى جېنىڭلارنىڭ نىجاتىغا مۇيەسسەر بولۇۋاتىسىلەر.
10سىلەرگە ئاتا قىلىنغان بۇ مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتنى ئالدىن ئېيتقان ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر بۇ نىجات‫‪‎-‎‬‬قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا تەپسىلىي ئىزدەنگەن، ئۇنى چۈشىنىشكە تىرىشقانىدى.
11ئۇلاردا بولغان مەسىھنىڭ روھى ئۇلارغا مەسىھ كەلگۈسىدە تارتىدىغان ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەر ۋە بۇلاردىن كېيىنكى كېلىدىغان شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپلەر توغرىسىدا ئالدىنئالا مەلۇمات بېرىپ بېشارەت كەلتۈرگىنىدە، ئۇلار بۇ ئىشلارنىڭ قانداق يول بىلەن ۋە قايسى زاماندا يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەن.   
12شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىشى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا بولغان، دەپ ئايان قىلىنغان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىشلار ئەرشتىن ئەۋەتىلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن سىلەرگە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگۈچىلەر ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلاندى. ھەتتا پەرىشتىلەرمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تېگى‫‪‎-‎‬‬تەكتىنى سەپسېلىپ چۈشىنىۋېلىشقا تەلپۈنمەكتە.  
13شۇڭا، زېھىنلىرىڭلارنىڭ بېلىنى باغلاپ، ئۆزۈڭلارنى سەگەك‫‪‎-‎‬‬سالماق تۇتۇڭلار، ئۈمىدىڭلارنى ئەيسا مەسىھ قايتا كۆرۈنگەن كۈنىدە سىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بەخت‫‪‎-‎‬‬شاپائەتكە پۈتۈنلەي باغلاڭلار.   
14خۇدانىڭ ئىتائەتمەن پەرزەنتلىرى سۈپىتىدە، ئىلگىرىكى غاپىللىق چاغلىرىڭلاردىكىدەك ھاۋايى‫‪‎-‎‬‬ھەۋەسلەرگە بېرىلمەڭلار.
15ئەكسىچە، سىلەرنى چاقىرغۇچى پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس بولغانغا ئوخشاش بارلىق يۈرۈش‫‪‎-‎‬‬تۇرۇشىڭلاردا ئۆزۈڭلارنى پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس تۇتۇڭلار.
16چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا‫‪:‬‬ «پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەستۇرمەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.
17سىلەر دۇئا قىلغىنىڭلاردا كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئىش‫‪‎-‎‬‬ھەرىكىتىگە قاراپ يۈز‫‪‎-‎‬‬خاتىرە قىلماي سوراق قىلغۇچىنى «ئاتا» دەپ چاقىرىدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان ۋاقتىڭلارنى ئۇنىڭ قورقۇنچىدا ئۆتكۈزۈڭلار.
18چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە قالدۇرۇلغان ئەھمىيەتسىز تۇرمۇشنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد بولدۇڭلار. بۇ، قىممىتىنى ھامان يوقىتىدىغان ئالتۇن ياكى كۈمۈشتەك نەرسىلەرنىڭ تۆلىمى بىلەن بولغان ئەمەس،   

19بەلكى قىممەتلىك قېنى بىلەن، يەنى كەم‫‪‎-‎‬‬كۈتىسىز ۋە داغسىز قوزا كەبى مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنىنىڭ بەدىلىگە كەلدى.
20ئۇ دەرۋەقە دۇنيا ئاپىرىدە قىلىنىشتىن ئىلگىرىلا خۇدا تەرىپىدىن شۇ سۈپىتىدە تونۇلغان، هازىر ئۇ زامانلارنىڭ مۇشۇ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا سىلەر ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئەۋەتىلىپ ئاشكارا قىلىندى.   
21سىلەر ئۇنىڭ ئارقىلىق ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بەرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىۋاتىسىلەر. خۇدانىڭ شۇنى قىلغىنى ئېتىقادىڭلار ۋە ئۈمىدىڭلار ئۆزىگە باغلانسۇن ئۈچۈندۇر.
22سىلەر ھەقىقەتكە ئىتائەت قىلغانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى پاكلاپ، قېرىنداشلارنى سۆيىدىغان ساختىسىز مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتكە كىرىشتىڭلار؛ شۇڭا، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارنى چىن قەلبىڭلاردىن قىزغىن سۆيۈڭلار.
23چۈنكى سىلەر يېڭىۋاشتىن تۇغۇلدۇڭلار ــ بۇ چىرىپ كېتىدىغان ئۇرۇق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى چىرىماس ئۇرۇق، يەنى خۇدانىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ۋە مەڭگۈ تۇرىدىغان سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى ئارقىلىق بولدى.   
24چۈنكى خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك‫‪:‬‬ «بارلىق ئەت ئىگىلىرى ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپتۇر، خالاس، ئۇلارنىڭ بارلىق شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپى دالادىكى گۈلگە ئوخشاش؛ ئوت‫‪‎-‎‬‬چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ،
25بىراق رەبنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى مەڭگۈگە تۇرىدۇ!» سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن خۇش خەۋەردە جاكارلانغان سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام دەل شۇدۇر.