Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 8

لاۋىيلار 8:29-35

Help us?
Click on verse(s) to share them!
29ئاندىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە، «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولغان قوچقارنىڭ بۇ قىسمى مۇسانىڭ ئۈلۈشى ئىدى.
30ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىدىن ۋە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن بىرئاز ئېلىپ، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھارۇن ۋە كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى مۇقەددەس قىلدى.
31مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق بۇيرۇدى‫‪:‬‬ ــ «بۇ گۆشنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»غا تەۋە بولغان سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار؛ بۇلارنى ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن، دەپ بۇيرۇغىنىمدەك ئۇنى يەڭلار؛
32لېكىن گۆش بىلەن ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار.
33سىلەر يەتتە كۈنگىچە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىن چىقماي، خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش كۈنلىرىڭلار توشقۇچە شۇ يەردە تۇرۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنى خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش ئۈچۈن يەتتە كۈن كېتىدۇ.
34بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى.
35سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە‫‪‎-‎‬‬كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى».

Read لاۋىيلار 8لاۋىيلار 8
Compare لاۋىيلار 8:29-35لاۋىيلار 8:29-35