Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 17

لاۋىيلار 17:10-15

Help us?
Click on verse(s) to share them!
10ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن.
11چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ.
12شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم.
13ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن.
14چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا‫‪:‬‬ «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم.
15كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما‫‪‎-‎‬‬تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ.

Read لاۋىيلار 17لاۋىيلار 17
Compare لاۋىيلار 17:10-15لاۋىيلار 17:10-15