Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 16

لاۋىيلار 16:3-13

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن‫‪:‬‬ ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛
4ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن.
5ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن.
6شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك.
7ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن.
8ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن.
9ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن.
10لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كافارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن.
11ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛
12ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛
13ئاندىن خۇشبۇي ئىس‫‪‎-‎‬‬تۈتىكى ھۆكۈم‫‪‎-‎‬‬گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ.

Read لاۋىيلار 16لاۋىيلار 16
Compare لاۋىيلار 16:3-13لاۋىيلار 16:3-13