Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - كۈيلەرنىڭ كۈيى - كۈيلەرنىڭ كۈيى 2

كۈيلەرنىڭ كۈيى 2:3-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
3«ئورماندىكى دەرەخلەر ئارىسىدا ئۆسكەن ئالما دەرىخىدەك، ئوغۇل بالىلار ئارىسىدىدۇر مېنىڭ ئامرىقىم. ئۇنىڭ سايىسى ئاستىدا دىلىم ئالەمچە سۆيۈنۈپ ئولتۇردۇم؛ ئۇنىڭ مېۋىسى ماڭا شېرىن تېتىدى؛
4ئۇ مېنى شارابخانىغا ئېلىپ كىردى؛ ئۇنىڭ ئۈستۈمدە كۆتۈرگەن تۇغى مۇھەببەتتۇر.
5مېنى كىشمىش پوشكاللار بىلەن قۇۋۋەتلەڭلار؛ ئالمىلار بىلەن مېنى يېڭىلاندۇرۇڭلار؛ چۈنكى مۇھەببەتتىن زەئىپلىشىپ كەتتىم؛
6ئۇنىڭ سول قولى بېشىم ئاستىدا، ئۇنىڭ ئوڭ قولى مېنى سىلاۋاتىدۇ.
7ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار!»
8«سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازى! مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ! تاغلاردىن سەكرەپ، ئېدىرلاردىن ئويناقلاپ كېلىۋاتىدۇ!
9مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم جەرەن ياكى ياش بۇغىدەكتۇر؛ مانا، ئۇ بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ؛ ئۇ دېرىزىلەردىن قارايدۇ، ئۇ پەنجىرە‫‪‎-‎‬‬پەنجىرىلەردىن ماراپ باقىدۇ».
10«مېنىڭ سۆيۈملۈكۈم ماڭا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، ئامرىقىم، مېنىڭ گۈزىلىم، مەن بىلەن كەتكىن؛
11چۈنكى مانا، قىش ئۆتۈپ كەتتى، يامغۇر يېغىپ تۈگىدى، ئۇ كېتىپ قالدى؛
12يەر يۈزىدە گۈللەر كۆرۈندى؛ ناخشىلار سايراش ۋاقتى كەلدى، زېمىنىمىزدا پاختەكنىڭ ساداسى ئاڭلانماقتا؛

Read كۈيلەرنىڭ كۈيى 2كۈيلەرنىڭ كۈيى 2
Compare كۈيلەرنىڭ كۈيى 2:3-12كۈيلەرنىڭ كۈيى 2:3-12