Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:11-23

Help us?
Click on verse(s) to share them!
11رەب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ سەن دەرھال «تۈز» دەپ ئاتالغان كوچىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى سوراپ تاپ؛ چۈنكى مانا، ئۇ دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
12ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئانانىياس ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ كېلىپ، كۆزىنى كۆرىدىغان قىلىش ئۈچۈن ئۈستىگە قولىنى تەگكۈزگەنلىكىنى كۆردى، ــ دېدى.
13ئانانىياس‫‪:‬‬ ــ ئى رەب، مەن بۇ ئادەمنىڭ خەۋىرىنى نۇرغۇن كىشىلەردىن ئاڭلىدىم، ئۇ يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلىرىڭگە شۇنچە كۆپ زىيان‫‪‎-‎‬‬زەخمەت يەتكۈزگەن!   
14ھازىر ئۇ مۇشۇ يەردە نامىڭغا نىدا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ باغلاش ئۈچۈن باش كاھىنلاردىن ھوقۇق ئاپتۇ ــ دېدى.
15لېكىن رەب ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ بارىۋەر! چۈنكى ئۇ نامىمنى ئەللەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنىڭ ھەم ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا ئايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئالاھىدە تاللىغان بىر ئەسۋابتۇر.   
16چۈنكى مەن ئۇنىڭغا نامىم ئۈچۈن قانچىلىك ئازاب‫‪‎-‎‬‬ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىمەن، ــ دېدى.
17بۇنىڭ بىلەن ئانانىياس بېرىپ، شۇ ئۆيگە كىردى؛ ئۇ قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ ئۇنىڭغا‫‪:‬‬ ــ قېرىنداش سائۇل، رەب، يەنى بۇ يەرگە كېلىۋاتقان يولۇڭدا ساڭا كۆرۈنگەن ئەيسا، كۆزلىرىڭنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن دەپ ۋە سېنىڭ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇشۇڭ ئۈچۈن مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، ــ دېۋىدى،
18سائۇلنىڭ كۆزلىرىدىن خۇددى بېلىق قاسىرىقىدەك بولغان بىر نەرسىلەر چۈشۈپ، كۆزلىرى ئېچىلىپ كۆرەلەيدىغان بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى.
19ئۇ غىزالانغاندىن كېيىن، قۇۋۋەتلىنىپ ماغدۇرغا كىردى.
20سائۇل دەمەشقتىكى مۇخلىسلارنىڭ يېنىدا بىرنەچچە كۈن تۇردى ۋە ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەي سىناگوگلارغا كىرىپ، «ئۇ كىشى خۇدانىڭ ئوغلىدۇر» دەپ ئەيسانى جاكارلاشقا باشلىدى.
21ئۇنى ئاڭلىغانلار سۆزلىرىدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ‫‪:‬‬ ــ بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا بۇ نامغا نىدا قىلغۇچىلارنى قاتتىق ۋەيران قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ مۇشۇنداقلارنى باغلاپ باش كاھىنلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
22لېكىن سائۇلنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئېشىپ، ئەيسانىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ دەمەشقتىكى يەھۇدىيلارنى پاراكەندىچىلىككە چۆمدۈردى.
23كۆپ كۈنلەردىن كېيىن، يەھۇدىيلار سائۇلنى يوقاتماققا قەست قىلماقچى بولدى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:11-23روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 9:11-23