Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:35-38

Help us?
Click on verse(s) to share them!
35ئاندىن ئۇ كېڭەشمىدىكىلەرگە مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ ئەي ئىسرائىللار، سىلەر بۇ كىشىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزۈڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار!
36ئىلگىرى، ھېلىقى تەۋداس ئىسىملىك ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى. ئۇنىڭغا تەخمىنەن تۆت يۈز ئادەم قوشۇلدى. بىراق ئۇ ئۆزى ئۆلتۈرۈلدى ۋە بارلىق ئەگەشكۈچىلىرى تارقىلىپ كېتىپ، ئۇنىڭ ئىشى يوققا چىقتى.   
37ئاندىن كېيىن نوپۇس تىزىملاش كۈنلىرىدە، گالىلىيەلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ يوقىتىلىپ، بارلىق ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن.
38ئەمدى سىلەرگە نەسىھىتىم شۇكى‫‪:‬‬ بۇ كىشىلەر بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن! ئۇلارنى ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىڭلار. چۈنكى ئەگەر بۇ ئېقىم ياكى بۇ ئىش پەقەت ئىنساندىن كەلگەن بولسا، جەزمەن يوققا چىقىدۇ.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:35-38روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 5:35-38