Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:37-44

Help us?
Click on verse(s) to share them!
37بۇ سۆزلەر ئاڭلىغانلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغاندەك قاتتىق تەگكەن بولۇپ ئۇلار پېترۇس ۋە باشقا روسۇللاردىن‫‪:‬‬ ــ ئى قېرىنداشلار، ئۇنداقتا بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى.
38پېترۇس ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ توۋا قىلىڭلار، ھەربىرىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە شۇنداق قىلساڭلار خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بولغان مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ.
39چۈنكى بۇ ۋەدە سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلارغا، يىراقتا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز ئۆزىگە چاقىرغانلارنىڭ ھەممىسىگە ئاتا قىلىنىدۇ.  
40پېترۇس يەنە نۇرغۇن باشقا سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇلارغا‫‪:‬‬ ــ سىلەر ئۆزۈڭلارنى بۇ ئىپلاس دەۋردىن قۇتقۇزۇڭلار! ــ دەپ جېكىلىدى.
41شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلغانلار چۆمۈلدۈرۈلۈشتى. شۇ كۈنى جامائەتكە قوشۇلغانلار ئۈچ مىڭچە كىشى ئىدى.
42ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىزچىل ھالدا روسۇللارنىڭ تەلىمىگە، ئېتىقادچىلارنىڭ بىرلىك‫‪‎-‎‬‬ھەمدەملىكىگە، ناننى ئوشتۇشقا ۋە دۇئالارغا بېغىشلىدى.
43ۋە قورقۇنچ ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى ۋە روسۇللارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن نۇرغۇن كارامەتلەر ۋە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر يۈز بەردى.
44پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق جەم بولۇپ بىللە ياشاپ، بارلىقىنى ئورتاق تۇتۇشتى.

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:37-44روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 2:37-44