15بۇ كۈنلەردىن كېيىن، يۈك-تاقىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، يېرۇسالېمغا چىقىپ باردۇق.
16قەيسەرىيەلىك مۇخلىسلاردىن بىرنەچچىسى بىز بىلەن سەپەرداش بولدى؛ ئۇلار مىناسون ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە قونىمىز دەپ ئۇنى بىرگە ئېلىپ ماڭدى؛ بۇ كىشى سىپرۇسلۇق، قېرى مۇخلىس ئىدى.
17يېرۇسالېمغا يەتكەندە قېرىنداشلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
18ئەتىسى، پاۋلۇس بىز بىلەن بىللە ياقۇپنى كۆرگىلى باردى. ياقۇپ بىلەن ئاقساقاللارنىڭ ھەممىسى ئۇ يەرگە يىغىلغانىدى.