23ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى.
24بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى.
25ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى.