35لېكىن پاۋلۇس ۋە بارناباس ئانتاكيادا قېلىپ، باشقا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ھەمكارلىقىدا تەلىم بېرىپ رەبنىڭ سۆز-كالامىدىكى خۇش خەۋىرىنى جاكارلاپ تۇردى.
36لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا: بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى.
37بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى.