Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى - روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13

روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:27-41

Help us?
Click on verse(s) to share them!
27يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىملىرى ئەيسانى تونۇماي، ئۇنىڭ ئۈستىدىن گۇناھكار دەپ ھۆكۈم چىقارغىنى بىلەن، ھەر شابات كۈنى ئوقۇلىدىغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.   
28گەرچە ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك بىرەر گۇناھ تاپالمىغان بولسىمۇ، ۋالىي پىلاتۇستىن يەنىلا ئۇنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىشنى ئۆتۈندى.
29ئۇلار بۇ ئىشلارنى قىلىپ مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇنىڭ ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزلىرى بىلمىگەن ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، بىر قەبرىگە قويدى.
30لېكىن خۇدا ئۇنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى!
31تىرىلگەندىن كېيىن، ئۇ بۇرۇن ئۆزى بىلەن گالىلىيەدىن يېرۇسالېمغىچە ئەگىشىپ كەلگەنلەرگە كۆپ كۈنلەر ئىچىدە نەچچە قېتىم كۆرۈنۈپ تۇردى. بۇ كىشىلەر ھازىر ئىسرائىل خەلقىگە ئۇنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولۇۋاتىدۇ.
33بىزمۇ ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىمىزغا قىلىنغان ۋەدىنىڭ خۇش خەۋىرىنى سىلەرگە ھازىر جاكارلايمىز ــ خۇدا ئەيسانى ئارىمىزدا تىكلەپ، بۇ ۋەدىنى ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزلەرگە ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇ ھەقتە زەبۇرنىڭ ئىككىنچى كۈيىدە ئالدىنئالا مۇنداق پۈتۈلگەن‫‪:‬‬ «سەن مېنىڭ ئوغلۇم، ئۆزۈم سېنى بۈگۈنكى كۈنىدە تۇغدۇردۇم».   
34ئەمدىلىكتە خۇدانىڭ ئەيساغا چىرىشنى قايتا كۆرگۈزمەي ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق ئالدىن ئېيتقان‫‪:‬‬ «داۋۇتقا ۋەدە قىلغان مېھىر‫‪‎-‎‬‬شەپقەتلەرنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن!»   
35شۇڭا يەنە بۇ ھەقتە يەنە بىر ئايەتتە‫‪:‬‬ ــ «ئى خۇدا، سېنىڭ مۇقەددەس بولغۇچۇڭغا تېنىنىڭ چىرىشىنى كۆرگۈزمەيسەن».  
36چۈنكى داۋۇت دەرۋەقە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆز دەۋرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئۆز ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىغا قوشۇلۇپ ئۆلۈمدە ئۇخلاپ ئۇنىڭ تېنى چىرىپ كەتكەنىدى.   
37لېكىن خۇدا ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى بولسا چىرىشنى ھېچ كۆرمىدى.
38ئەمدى شۇڭا سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئى قېرىنداشلار، ھازىر گۇناھلاردىن كەچۈرۈم قىلىنىش يولى دەل شۇ كىشى ئارقىلىق سىلەرگە جاكارلىنىۋاتىدۇ.   
39مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى بىلەن سىلەر خالاس بولالمايۋاتقان ئىشلاردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئۇ ئارقىلىق خالاس قىلىنىپ ھەققانىي قىلىنىدۇ!   
40شۇڭا، پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان شۇ بالايىئاپەت بېشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىڭلار! ــ
41«قاراڭلار، ئى مازاق قىلغۇچىلار، ھەيرانۇھەس بولۇپ ھالاك بولۇڭلار! چۈنكى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلەردە بىر ئىش قىلىمەنكى، ئۇنى بىرسى سىلەرگە ئېلان قىلسىمۇ سىلەر شۇ ئىشقا ھەرگىز ئىشەنمەيسىلەر!»  

Read روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13
Compare روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:27-41روسۇللارنىڭ پائالىيەتلىرى 13:27-41