1ياشانغان ئەرلەرنى ئەيىبلىگەندە قاتتىق سۆزلىمىگىن، بەلكى ئۇلارغا ئاتاڭ سۈپىتىدە نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، يىگىتلەرگە قېرىنداشلىرىڭ سۈپىتىدە سۆزلىگىن.
2ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭ سۈپىتىدە، ياش ئاياللارغا ئاچا-سىڭىللىرىڭ سۈپىتىدە ھەر ئىشتا پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.
3ھەقىقىي تۇل ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال.
4لېكىن، تۇل ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىگە نىسبەتەن ئىخلاسمەنلىكنى ئۆگىنىپ، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەجرىنى ياندۇرسۇن؛ چۈنكى بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
5ئەمدى ھەقىقىي تۇل ئۆتۈۋاتقان، يالغۇز قالغان ئاياللار بولسا، ئۈمىدىنى خۇداغا باغلىغان بولۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا-تىلاۋەتتە بولىدۇ.
6لېكىن ھۇزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلگەن تۇل خوتۇن ھايات بولسىمۇ، ئۆلگەنگە باراۋەردۇر.
7ئەمدى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن سەن ئۇلارغا بۇ ئىشلارنى جېكىلەپ تاپىلىغىن.
8لېكىن بىرسى ئۆز تۇغقانلىرىدىن، بولۇپمۇ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن خەۋەر ئالمىسا، ئۇ ئېتىقادتىن تانغان دەپ قارىلىپ، كاپىرلاردىن بەتتەر بولىدۇ.
9تۇل ئايال تىزىمغا ئېلىنسا، يېشى ئاتمىشتىن تۆۋەن بولماسلىقى، بىرلا ئەرنىڭ ئايالى بولغان بولۇشى كېرەك،
10يەنە گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن تەرىپلەنگەن بولۇشى، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ چوڭ قىلغان، مۇساپىرلارغا مېھماندوستلۇق كۆرسەتكەن، مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ قويغان، قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا ياردەم قولىنى ئۇزارتقان، ئۆزىنى ھەرخىل خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغانلار بولۇشى كېرەك.
11لېكىن ياش تۇل ئاياللارنى تىزىملىككە كىرگۈزمە. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىشق ھەۋەسلىرى قوزغىلىپ مەسىھدىن تېنىپ، قايتا نىكاھلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؛
12شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار دەسلەپ بەرگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك ئەيىبلىك بولىدۇ.
13ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ھۇرۇنلۇقنى ئادەت قىلىۋېلىپ، ئۆيمۇ-ئۆي دوقۇرۇپ يۈرۈشنى ئۆگىنىدۇ؛ شۇنداقلا ھۇرۇن بولۇپلا قالماي، ئۇلار غەيۋەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چېپىلغاق بولۇپ نالايىق ئىشلارغا ۋالاقلايدىغانلاردىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.
14شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى خالايمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىغا بىزنى ھەرقانداق ئەيىبلەپ-ھاقارەتلەش پۇرسىتى چىقمايدۇ.
15چۈنكى شۇنداق بەزى تۇل ئاياللار ئاللىقاچان ئېتىقادتىن تېنىپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتى.
16ئەگەر ئېتىقادى بار بىر ئەر ياكى ئايال كىشىنىڭ تۇل قالغان تۇغقانلىرى بولسا، ئۇ ئۆزى ئۇلارغا ياردەم بەرسۇن، يۈكى جامائەتكە چۈشمىسۇن. شۇنداق بولغاندا، جامائەت ھەقىقىي ئىگە-چاقىسىز تۇل ئاياللارغا ياردەم قىلالايدۇ.
17جامائەتنى ياخشى يېتەكلەيدىغان ئاقساقاللار، بولۇپمۇ خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزۈش ۋە تەلىم بېرىشتە ئەجىر سىڭدۈرگەنلەر ئىككى ھەسسە ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىنسۇن.
18چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» ۋە: «مەدىكار ئۆز ھەققىنى ئېلىشقا ھەقلىقتۇر» دېيىلگەن.
19ئىككى ياكى ئۈچ گۇۋاھچى ھازىر بولمىغۇچە، ئاقساقال ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنى قوبۇل قىلما.
20ئەگەر ئاقساقاللاردىن بىرسى گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ قورقۇشى ئۈچۈن، جامائەت ئالدىدا تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىگىن.
21خۇدانىڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ۋە خۇدا تاللىغان پەرىشتىلەرنىڭ ئالدىدا شۇنى ساڭا ئاگاھ قىلىپ تاپىلايمەنكى، سەن بۇ ئەمرلەرگە ھېچ ئايرىمىچىلىق قىلماي، ھېچقانداق ئىشتا بىر تەرەپكە يان باسماي قەتئىي ئەمەل قىلغىن.
22بىراۋنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى قويۇشقا ئالدىراپ كەتمە؛ باشقىلارنىڭ گۇناھلىرىغا شېرىك بولما. ئۆزۈڭنى پاك تۇتقىن
23(ئاشقازىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، شۇنداقلا سەن دائىم ئاغرىيدىغان بولغاچقا، سۇلا ئىچىۋەرمەي، بىرئاز شارابمۇ ئىچىپ بەرگىن).
24بەزى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرى بۇرۇنلا ئېنىق، شۇنداقلا سوراق كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ؛ لېكىن بەزىلەرنىڭكى ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارىدۇ، كېيىن ئاشكارە بولىدۇ.
25خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەرنىڭ گۈزەل ئەمەللىرىنى ئاسانلا كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ؛ ھازىر ئاشكارا بولمىسا كېيىن ئاشكارىلانماي قالمايدۇ.