Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تىموتىيغا «1»

تىموتىيغا «1» 2

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1مەن ھەممىدىن ئاۋۋال، ئېتىقادچىلارغا پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خۇدادىن تىلەكلەر تىلىشىنى، دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىشىنى، باشقىلار ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىشىنى ۋە تەشەككۈرلەر ئېيتىشىنى،
2بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىشىنى جېكىلەيمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىز تولۇق ئىخلاسمەنلىك ۋە سالماقلىق بىلەن تىنچ ۋە ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز.
3بۇنداق دۇئا‫‪‎-‎‬‬تىلاۋەت قىلىش گۈزەل ئىشتۇر، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ.
4چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئىنساننىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشىنى خالايدۇ.
5چۈنكى بىرلا خۇدا باردۇر، خۇدا بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا بىر كېلىشتۈرگۈچىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزى ئىنسان بولۇپ كەلگەن مەسىھ ئەيسادۇر.  
6ئۇ بارلىق ئىنسانلارنى ھۆر قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بەدەل تۆلىدى؛ شۇنداق قىلىپ بېكىتىلگەن ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬سائىتىدە خۇدانىڭ نىجاتىغا گۇۋاھلىق بېرىلدى.  
7مەن بۇ گۇۋاھلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جاكارچى ۋە روسۇل بولۇشقا تەيىنلىنىپ (مېنىڭ بۇ سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى راست، مەن يالغان گەپ قىلمىدىم)، يات ئەللىكلەرگە ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت يولىدا ئۆگەتكۈچى بولۇپ تىكلەندىم.
8شۇڭا، مەن شۇنى خالايمەنكى، ئەرلەر قەيەردە بولسۇن، دۇئاغا جەم بولغاندا غەزەپسىز ۋە دەتالاشسىز ھالدا، ھالال ئەمەللىك قوللىرىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلسۇن.
9ئوخشاش يولدا ئاياللارمۇ مۇۋاپىق كىيىنىپ، ئۆزلىرىنى ئار‫‪‎-‎‬‬نومۇس ۋە سالماقلىق بىلەن پەرداز قىلسۇن. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى پەردازلاش، چاچلىرىنى ئالاھىدە ياساش ۋە ئالتۇن، ئۈنچە‫‪‎-‎‬‬مەرۋايىت ۋە ئېسىل قىممەت كىيىم‫‪‎-‎‬‬كېچەكلەر بىلەن ئەمەس،
10بەلكى گۈزەل ئەمەللىرى بىلەن پەردازلىشىنى خالايمەن. بۇ، خۇدا يولىدا تەقۋادار بولاي دېگەن ئاياللارغا يارىشىدۇ.
11جامائەت سورۇنلىرىدا، ئاياللار تىنچ ئولتۇرۇپ، تولۇق ئىتائەتمەنلىك بىلەن تەلىم ئالسۇن.
12لېكىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە تەلىم بېرىشى ياكى ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرۈشىگە يول قويمايمەن. ئەكسىچە، ئۇلار تىنچ بولسۇن.   
13چۈنكى ئاۋۋال ئادەمئاتا، كېيىن ھاۋائانا يارىتىلغان.
14ئاۋۋال ئالدىنىپ ئازدۇرۇلغانمۇ ئادەمئاتا ئەمەس، بەلكى ھاۋائانا ئىدى. ئۇ تولىمۇ ئالدانغانلىقىدىن ئۇلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىگە چۈشۈپ قالغانىدى.
15لېكىن ئاياللار ئېتىقادتا، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ۋە پاك‫‪‎-‎‬‬مۇقەددەسلىكتە سالماقلىق بىلەن تۇرىدىغانلا بولسا، ئۇلار تۇغۇتتا ساق‫‪‎-‎‬‬سالامەت قۇتۇلىدۇ.