Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - تىموتىيغا «1»

تىموتىيغا «1» 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1«ئەگەر بىرسى جامائەتكە يېتەكچى بولۇشقا ئىنتىلسە، ئۇ گۈزەل بىر ۋەزىپىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز ھەقتۇر.
2ئەمدى يېتەكچى بولسا ئەيىبسىز، بىر خوتۇنلۇق، سالماق، پەملىك، ئەدەپلىك، مېھماندوست، خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرەلەيدىغان بولۇشى،  
3شۇنداقلا ھاراقكەش ۋە زوراۋان بولماسلىقى، مۇلايىم بولۇشى، سەپرا، نەپسانىيەتچى بولماسلىقى،
4ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرالايدىغان بولۇشى، تولىمۇ سالاپەتلىك بىلەن پەرزەنتلىرىنى ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىغا بويسۇنىدىغان قىلىپ تەربىيىلىيەلەيدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.
5چۈنكى بىرسى ئۆز ئائىلىسىنى باشقۇرۇشنى بىلمىسە، ئۇ خۇدانىڭ جامائىتىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالالىسۇن؟
6يېتەكچى يېڭى ئېتىقادچىلاردىن بولمىسۇن؛ ئۇنداق بولسا، ئۇ تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭدەك شەيتاننىڭ ئەيىبىگە كىرىپ، ئۇ ئۇچرىغان ھۆكۈمگە چۈشىدۇ.
7ئۇ جامائەتنىڭ سىرتىدىكىلەر تەرىپىدىنمۇ ئوبدان تەرىپلىنىدىغان بولۇشى كېرەك؛ شۇنداق بولغاندا، ئۇ باشقىلارنىڭ قارىلىشىغا ئۇچرىمايدۇ، شەيتاننىڭ قىلتىقىغا چۈشمەيدۇ.
8خۇددى يېتەكچىلەرگە ئوخشاش، جامائەتنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ سالماق، ئىككى خىل گەپ قىلمايدىغان، ھاراق‫‪‎-‎‬‬شارابقا بېرىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى بولمىغان كىشىلەردىن بولۇشى،  
9پاك ۋىجدانى بىلەن ئېتىقادنىڭ سىرىنى چىڭ تۇتىدىغان بولۇشى لازىم.   
10بۇنداق ئادەملەرنىمۇ ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈپ، ئەيىب تەرەپلىرى بولمىسا، ئاندىن خىزمەت ۋەزىپىسىگە قويۇشقا بولىدۇ.
11شۇنىڭدەك، بۇ خىزمەتكارلارنىڭ ئاياللىرىمۇ تەمكىن، پىتنە‫‪‎-‎‬‬پاسات قىلمايدىغان، سالماق ۋە ھەرقانداق ئىشتا ئىشەنچلىك بولغانلاردىن بولۇشى لازىم.
12خىزمەتكارلار بىر خوتۇنلۇق، ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە ئائىلىسىنى ياخشى باشقۇرىدىغان كىشىلەردىن بولسۇن.
13خىزمەتكارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان ئورۇنغانلار ئۆزى ئۈچۈن ياخشى نام‫‪‎-‎‬‬ئاتاققا سازاۋەر بولىدۇ ۋە مەسىھ ئەيسادا بولغان ئېتىقادتا زور جۈرئەت‫‪‎-‎‬‬ئىشەنچكە ئېرىشىدۇ.  
14مەن گەرچە پات ئارىدا يېنىڭغا يېتىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلساممۇ، يەنىلا بۇ خەتنى يازدىم؛
15مۇبادا مەن ھايال بولۇپ قالسام، خەتتىن خۇدانىڭ ئائىلىسى ئارىسىدا ئۆزۈڭنى قانداق تۇتۇش كېرەكلىكىنى بىلىسەن. بۇ ئائىلە بولسا تىرىك خۇدانىڭ جامائىتى، ھەقىقەتنىڭ تۈۋرۈكى ۋە تەگلىكىدۇر.
16ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، ئىخلاسمەنلىكنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر‫‪:‬‬ ــ «ئۆزى ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، پەرىشتىلەرگە ئۇ كۆرۈندى، ئۇنىڭ خەۋىرى پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلاندى، جاھاندا ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈلدى، ئۇ شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى».