1ئەمدى روھ شۇنى ئالاھىدە ئېيتىدۇكى، ئاخىر زامانلاردا بەزىلەر ئېتىقادتىن يېنىپ، ئالدامچى روھلارغا ۋە جىنلارنىڭ تەلىملىرىگە بېرىلىپ ئەگىشىدۇ.
2بۇنداق تەلىم بەرگۈچىلەر ساختىلىقتا يالغانچىلىق قىلىپ، خۇددى داغماللاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندەك ئۆز ۋىجدانىنى يوقىتىپ قويغان؛
3ئۇلار نىكاھلىنىشنى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشنى مەنئى قىلىدۇ. ئەمما ئۇلار مەنئى قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى خۇدا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان ھەم ھەقىقەتنى بىلگەنلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن ياراتقانىدى.
4چۈنكى خۇدا ياراتقان ھەممە نەرسە ياخشىدۇر، ئۇلار تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىنسا، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى چەكلەپ رەت قىلىشقا بولمايدۇ.
5چۈنكى ئۇلار خۇدانىڭ سۆز-كالامى ۋە ئىنسانلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ھالال قىلىنىدۇ.
6بۇ نەسىھەتلەرنى قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە سالساڭ، مەسىھ ئەيسانىڭ ياخشى خىزمەتكارى بولغان بولىسەن. شۇنداقلا، ئۆزۈڭنىڭ ئەستايىدىل ئەگەشكەن ئېتىقادتىكى ۋە ساغلام تەلىملەردىكى سۆزلەر بىلەن قۇۋۋەتلەندۈرۈلگەنلىكىڭ ئايان بولىدۇ.
7ئەمما ئىخلاسسىزلارنىڭ ۋە مومايلارنىڭ ئەپسانىلىرىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزۈڭنى ئىخلاسمەنلىك يولىدا چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۈرگىن.
8چۈنكى «بەدەننى چېنىقتۇرۇشنىڭ ئازراق پايدىسى بار، لېكىن ئىخلاسمەنلىكتە ئىنتىلىشنىڭ ھەرتەرەپلىك پايدىسى بار؛ ئۇ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ»
9ــ بۇ سۆز ھەقتۇر ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشقا پۈتۈنلەي ئەرزىيدۇ.
10ئەمەلىيەتتە بىز بۇنىڭ ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە خار قىلىنىۋاتىمىز. چۈنكى ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ــ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق.
11بۇ ئىشلارنى جامائەتكە توختىماي تاپىلىغىن ۋە ئۆگەتكىن.
12ھېچكىمنىڭ سېنىڭ ياشلىقىڭغا سەل قارىشىغا يول قويما؛ بەلكى سۆزلىرىڭدە، ئەمەللىرىڭدە، مېھىر-مۇھەببەت، ئېتىقاد ۋە پاكلىقتا ئېتىقادچىلارغا نەمۇنە بول.
13مەن يېنىڭغا بارغۇچە، ئۆزۈڭنى جامائەتكە مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇپ بېرىش، جېكىلەش ۋە تەلىم بېرىشكە بېغىشلىغىن.
14جامائىتىڭنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى ئۇچاڭغا قويغاندا، خۇدانىڭ ۋەھىيىسى ئارقىلىق ساڭا ئاتا قىلىنىشى بىلەن سەندە بولغان ئىلتىپاتقا بىپەرۋالىق قىلما.
15بۇ ئىشلارغا بېرىلىپ، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا تولۇق ئاتىغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ ئالغا باسقانلىقىڭ ھەممەيلەنگە ئايان بولىدۇ.
16ئۆزۈڭگە ۋە بەرگەن تەلىمىڭگە ئىزچىل كۆڭۈل قويغىن. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا ئۆزۈڭنىمۇ ۋە ساڭا قۇلاق سالغانلارنىمۇ قۇتقۇزىسەن.