Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
2شۇڭا خۇدانىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىدىن بولۇپ، ئۇنى ئۈلگە قىلىڭلار؛ ھەمدە مەسىھ بىزنى سۆيۈپ، ئۆزىنى بىز ئۈچۈن خۇداغا خۇشپۇراق سۈپىتىدە ھەدىيە‫‪‎-‎‬‬قۇربانلىق بولۇشقا ئاتاپ پىدا قىلغاندەك سىلەرمۇ مۇھەببەت ئىچىدە مېڭىڭلار.
3ئەمما مۇقەددەس بەندىلەرگە لايىق ھالدا، بۇزۇقلۇق، ھەرقانداق پاسكىنىلىق ياكى نەپسانىيەتچىلىك ئاراڭلاردا ھەتتا تىلغىمۇ ئېلىنمىسۇن؛
4شۇنداقلا ئىپلاسلىق، ئەخمىقانە پاراڭلار ياكى چاكىنا چاقچاقلارمۇ تىلىڭلارغا ئېلىنمىسۇن ــ بۇلارمۇ مۇۋاپىق ئەمەستۇر ــ بەلكى ئاغزىڭلاردىن تەشەككۈرلەر چىقسۇن.
5چۈنكى شۇنىڭدىن خەۋەردارسىلەركى، ھەرقانداق بۇزۇقلۇق قىلغۇچى، ناپاك بولغۇچى ياكى نەپسانىيەتچى كىشى (بۇنداق كىشى ئەمەلىيەتتە بىر بۇتپەرەسكە باراۋەر) مەسىھ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا مىراسخور بولالمايدۇ.
6ھېچكىمگە ئۆزۈڭلارنى قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئالداتماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ غەزىپى ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.
7شۇڭا ئۇلارغا مۇشۇ ئىشلاردا شېرىك بولماڭلار؛
8چۈنكى سىلەر ئەسلى قاراڭغۇلۇق ئىدىڭلار، لېكىن ھازىر رەبدە يورۇقلۇقسىلەر؛ يورۇقلۇقنىڭ پەرزەنتلىرىگە لايىق مېڭىڭلار
9(چۈنكى يورۇقلۇقنىڭ مېۋىسى تولۇق مېھرىبانلىق، ھەققانىيلىق ۋە ھەقىقەتتىن تەركىب تاپقاندۇر)،
10نېمە ئىشلارنىڭ رەبنى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىنىپ ئىسپاتلاڭلار.
11قاراڭغۇلۇقتىكى مېۋىسىز ئىشلار بىلەن چېتىلىپ قالماڭلار؛ ئەكسىچە، ئۇلارنى ئېچىپ ئەيىبلەڭلار؛
12چۈنكى ئۇلارنىڭ يوشۇرۇنچە ئىشلىگەنلىرىنى ھەتتا تىلغا ئېلىشمۇ نومۇس ئىشتۇر.
13ئەمما يورۇقلۇق بىلەن ئەيىبلەپ ئاشكارىلىغان ھەرقانداق نەرسە ئوچۇق كۆرۈنىدۇ؛ يورۇقلۇق ئاشكارىلانغان ھەممە نەرسە يورۇقلۇققا ئايلىنىدۇ.
14شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مۇنداق دەيدۇ‫‪:‬‬ ــ «ئويغان، ئەي ئۇيقۇچى! تىرىل ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن! ۋە مەسىھ سېنى پارلاپ يورىتىدۇ».  
15شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېڭىۋاتقان يولۇڭلارغا ئېھتىيات بىلەن دىققەت قىلىڭلار؛ يولۇڭلار نادانلارنىڭكىدەك ئەمەس، دانالارنىڭكىدەك بولسۇن؛
16ۋاقىت‫‪‎-‎‬‬پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ تۇتۇۋېلىڭلار؛ چۈنكى مۇشۇ دەۋر رەزىلدۇر.   
17بۇ سەۋەبتىن نادان بولماڭلار، بەلكى رەبنىڭ ئىرادىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگۈچى بولۇڭلار؛
18ھاراق‫‪‎-‎‬‬شاراب ئىچىپ مەست بولماڭلار؛ شۇنداق قىلىق ئادەمنى شاللاقلاشتۇرىدۇ؛ بۇنىڭ ئورنىغا روھقا تولدۇرۇلغۇچى بولۇڭلار،   
19بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارغا زەبۇر‫‪‎-‎‬‬نەغمىلەر، مەدھىيە كۈيلىرى ۋە روھىي ناخشىلار ئېيتىشىپ، قەلبىڭلاردا ناخشا‫‪‎-‎‬‬نەغمىلەر ياڭرىتىپ رەبنى مەدھىيىلەڭلار؛   

20ھەردائىم ھەممە ئىشلار ئۈچۈن رەب ئەيسا مەسىھنىڭ نامىدا خۇدا ھەم ئاتا بولغۇچىغا تەشەككۈر‫‪‎-‎‬‬رەھمەت ئېيتىڭلار،
21مەسىھتىن ئەيمىنىپ، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار.
22سىلەر ئاياللار، رەبكە بويسۇنغاندەك ئۆز ئەرلىرىڭلەرگە بويسۇنۇڭلار؛
23چۈنكى مەسىھ جامائەتنىڭ بېشى بولغاندەك، ئەر ئايالنىڭ بېشىدۇر؛ مەسىھ يەنە تەنگە قۇتقۇزغۇچىدۇر.   
24ئەمدىلىكتە جامائەت مەسىھكە بويسۇغاندەك، ئاياللار ئەرلىرىگە ھەممە ئىشتا بويسۇنسۇن.
25ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنى سۆيۈڭلەر، خۇددى مەسىھنىڭمۇ جامائەتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلغىنىدەك سۆيۈڭلار؛
26مەسىھنىڭ جامائەت ئۈچۈن شۇنداق قىلىشى جامائەتنى مۇقەددەس قىلىپ، «داسنىڭ سۈيى» بولغان سۆز‫‪‎-‎‬‬كالام بىلەن يۇيۇپ پاكلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر،   
27شۇنىڭدەك جامائەتنى شەرەپلىك ھالدا ئۆزىگە ھازىر قىلىپ، ئۇنى ھېچ داغ، قورۇق ياكى بۇلارغا ئوخشاش ھەرقانداق نەرسىلەردىن خالىي قىلىپ، تولۇق مۇقەددەس ۋە ئەيىبسىز قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
28شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرلەر ئۆز ئاياللىرىنى ئۆز تېنىنى سۆيگەندەك سۆيۈشى كېرەكتۇر؛ ئۆز ئايالىنى سۆيگەن كىشى ئۆزىنى سۆيگەن بىلەن باراۋەر.
29چۈنكى ھېچكىم ئەسلا ئۆزىنىڭ ئېتىدىن نەپرەتلەنگەن ئەمەس، ئەكسىچە ئۇنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ھەم ئاسرايدۇ؛ بۇ خۇددى مەسىھنىڭ جامائەتنى ئوزۇقلاندۇرىدىغىنىغا ھەم ئۇنى ئاسرايدىغىنىغا ئوخشايدۇ.
30چۈنكى بىز ئۇنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرىدۇرمىز‫‪:‬‬ ــ   
31«شۇ سەۋەبتىن ئەر ئاتا‫‪‎-‎‬‬ئانىسىنىڭ يېنىدىن ئايرلىپ، ئۆز ئايالىغا باغلىنىدۇ؛ ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ».  
32بۇ سىر ئىنتايىن چوڭقۇردۇر؛ ئەمما مەن ھازىر مەسىھ ۋە جامائەت توغرۇلۇق سۆزلەۋاتىمەن.
33ئەمما سىلەرمۇ ھەربىرىڭلار ئۆز ئايالىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار؛ ئايال بولسا، ئېرىدىن ئەيمىنىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسۇن.