Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا

ئ‍ەفەسۇسلۇقلارغا 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1شۇ سەۋەبتىن سىلەر «يات ئەلدىكىلەر» ئۈچۈن مەسىھ ئەيسانىڭ مەھبۇسى بولغان مەنكى پاۋلۇس ــ   
2(سىلەر بەلكىم ماڭا تاپشۇرۇلغان، سىلەرگە خۇدانىڭ شەپقىتىنى ئېلىپ بارىدىغان غوجىدارلىقىم توغرۇلۇق،
3يەنى ئۇنىڭ ماڭا ۋەھىي بىلەن سىرنى ئايان قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەردار بولۇشۇڭلار مۇمكىن (مەن بۇ توغرىسىدا ئىلگىرى ئاز‫‪‎-‎‬‬پاز يازغانىدىم؛  
4سىلەر ئۇنى ئوقۇغىنىڭلاردا، مەسىھنىڭ سىرى توغرۇلۇق يورۇتۇلغانلىقىمنى بىلىپ يېتىسىلەر)
5ئىلگىرىكى دەۋرلەردە بۇ سىر ئىنسان بالىلىرىغا ئۇنىڭ مۇقەددەس روسۇللىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە روھ ئارقىلىق ھازىرقىدەك ئېنىق ۋەھىي قىلىنغاندەك، ئايان قىلىنغان ئەمەس.  
6دېمەك، خۇش خەۋەر ئارقىلىق «يات ئەلدىكىلەر»دىن بولغانلارمۇ ئورتاق مىراسخورلار، تەندىكى ئورتاق ئەزالار، مەسىھ ئەيسادا بولغان ۋەدىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولغۇچىلار بولىدۇ؛
7خۇدانىڭ شەپقىتى ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئىلتىپات بىلەن، ئۇنىڭ كۈچ‫‪‎-‎‬‬قۇدرىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى بىلەن، مەن بۇ ئىشقا خىزمەتكار قىلىپ تەيىنلەندىم؛
8ماڭا ــ مۇقەددەس بەندىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋىنىدىنمۇ تۆۋەن بولغان ماڭا مۇشۇ ئىلتىپات، يەنى ئەللەر ئارىسىدا مەسىھنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز بايلىقلىرى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر جاكارلاش  
9ۋە شۇنداقلا ھەممىنى ياراتقان خۇدادا يوشۇرۇن بولۇپ كەلگەن بۇ سىرنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ھەممەيلەننى يورۇتۇش خىزمىتى ئامانەت قىلىندى.
10بۇنىڭ مەقسىتى ئەرشلەردە بولغان ھۆكۈمرانلارغا ھەم ھوقۇقلارغا خۇدانىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك دانالىقى جامائەت ئارقىلىق ھازىر ئاشكارە قىلىنىشتىن ئىبارەتتۇر.   
11بۇ ئىش بولسا، ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسا رەببىمىزدە ئىجرا قىلىنغان مەڭگۈلۈك مۇددىئاسى بويىچىدۇر؛
12ئۇنىڭ ئىشەنچ‫‪‎-‎‬‬سادىقلىقى ئارقىلىق بىز جاسارەتكە ھەم خۇدانىڭ ئالدىغا خاتىرجەملىك بىلەن كىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولدۇق؛
13شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تارتقان جاپا‫‪‎-‎‬‬جەبىرلىرىم تۈپەيلىدىن پەرىشان بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىش سىلەرنىڭ شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىڭلار بولىدۇ).  
14مەن شۇ سەۋەبتىن تىزلىرىمنى ئاتىغا پۈكىمەنكى،
15( ئاسمان‫‪‎-‎‬‬زېمىندىكى بارلىق ئاتىلىق مۇناسىۋەتلەر ئۇنىڭدىن «ئاتا» نامىنى ئالىدۇ)
16ئۇ ئۆز شان‫‪‎-‎‬‬شەرىپىدىكى بايلىقلار بىلەن، روھى ئارقىلىق سىلەرنى ئىچكى دۇنيايىڭلاردا كۈچلەندۈرگەي؛   
17شۇنىڭ بىلەن مەسىھ قەلبىڭلاردا ئىشەنچ ئارقىلىق تۇرۇپ، سىلەر مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت ئىچىدە يىلتىز تارتغان، ئۇل سېلىنغان،
19بارلىق مۇقەددەس بەندىلەر بىلەن بىللە مەسىھنىڭ مۇھەببىتىنىڭ كەڭلىكى، ئۇزۇنلۇقى، چوڭقۇرلۇقى ۋە ئېگىزلىكىنى چۈشىنىپ ئىگىلىۋالغايسىلەر؛ يەنى ئادەمنىڭ بىلىپ يېتىشىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ چۈشىدىغان ئۇنىڭ مۇھەببىتىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر، شۇنىڭدەك خۇدانىڭ مۇكەممەل جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغايسىلەر.

20ئەمدى ئىچىمىزدە يۈرگۈزىدىغان قۇدرىتى بويىچە بارلىق تىلىكىمىز ياكى ئويلىغانلىرىمىزدىنمۇ ھەددى‫‪‎-‎‬‬ھېسابسىز ئارتۇق ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا قادىر بولغۇچىغا، ــ
21ئۇنىڭغا دەۋردىن دەۋرگىچە، ئەبەدىلئەبەدگىچە جامائەتتە مەسىھ ئەيسا ئارقىلىق شان‫‪‎-‎‬‬شەرەپ بولغاي! ئامىن!