1ۋە سىلەر بولساڭلار، قەبىھلىكلىرىڭلار ھەم گۇناھلىرىڭلاردا ئۆلگەن بولۇپ،
2بۇ دۇنيانىڭ دەۋرىگە ئەگىشىپ، ھاۋانىڭ ھوقۇقىنى تۇتقان ھۆكۈمدارغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە ئىتائەتسىزلىكتىن بولغان پەرزەنتلەرنى قۇترىتىۋاتقان روھقا ئەگىشىپ، بۇ ئىشلاردا ئىلگىرى ماڭغانسىلەر؛
3بىز ھەربىرىمىزمۇ ئىلگىرى شۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەتلىرىمىزدىكى شەھۋەت-ھەۋەسلەردە ھايات ئۆتكۈزگەنمىز، ئەتلىرىمىز ھەم ئۆز ئوي-خىيالىمىزنىڭ خاھىشلىرىغا ئەمەل قىلىپ، باشقىلارغا ئوخشاش، ماھىيەتتە «غەزەپتىكى پەرزەنتلەر» بولغانمىز؛
4بىراق خۇدا، مول رەھىم-شەپقەتنى كۆرسەتكۈچى بولۇپ، بىزنى سۆيگەندە بىزگە كۆرسەتكەن ئالەمبەخش مېھىر-مۇھەببىتى تۈپەيلىدىن، ــ
5ھەتتا ئىتائەتسىزلىكلەردە ئۆلگەن ۋاقتىمىزدىمۇ، بىزگە مەسىھ بىلەن بىللە جان كىرگۈزۈپ (مېھىر-شەپقەت بىلەن قۇتقۇزۇلدۇڭلار!)،
6بىزنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تىرىلدۇرۇپ، ئەرشلەردە مەسىھ ئەيسا بىلەن بىللە ئولتۇرغۇزغان؛
7مەقسىتى كەلگۈسى زامانلاردا ئۇنىڭ مەسىھ ئەيسادا بىزگە قارىتىلغان مېھرىبانلىقى بىلەن ئىپادىلەنگەن شاپائىتىنىڭ شۇنچە غايەت زور ئىكەنلىكىنى كۆسىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛
8چۈنكى سىلەر شەپقەت بىلەنلا ئىشەنچ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلدۇڭلار. بۇ ئىش ئۆزۈڭلاردىن كەلگەن ئىش ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كەلگەن ئىلتىپات،
9ئۇ زادىلا ئادەملەرنىڭ ئەمەل-ئەجرىدىن كەلمەيدۇ، بۇ ھەم ھېچكىمنىڭ ماختانماسلىقى ئۈچۈندۇر.
10چۈنكى بىز خۇدانىڭ ئىشلىگەن ھۈنىرىدۇرمىز، خەيرخاھ ئىشلار ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا يارىتىلغانمىز؛ خۇدا ئەسلى بىزنىڭ ئۇلاردا مېڭىشىمىز ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى ئالدىنئالا تەييارلىغانىدى.
11شۇڭا سىلەر ئەسلىدە ئەتلىرىڭلارغا ئاساسەن «يات ئەللەر» دەپ ھېسابلانغىنىڭلارنى، ــ ئىنساننىڭ قولى بىلەن ئەتلىرىدە «خەتنە قىلىنغانلار» دەپ ئاتالغانلار تەرىپىدىن «خەتنىسىز» دەپ ئاتالغانلىقىڭلارنى،
12شۇنداقلا شۇ چاغدا مەسىھسىز بولۇپ، ئىسرائىلنىڭ پۇقرالىقىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ۋەدىلەرنى ئېلىپ كەلگۈچى ئەھدىلەرنى يات بىلىپ، بۇ دۇنيادا ئۈمىدسىز ھەم خۇداسىز ياشىغىنىڭلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛
13لېكىن ئەسلى يىراقلاردا بولغان سىلەر ھازىر مەسىھنىڭ قېنى ئارقىلىق يېقىن قىلىندىڭلار؛
14چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئىناقلىقىمىزدۇر، ئۇ ئىككى تەرەپنى بىر قىلىپ ئوتتۇرىدىكى ئارا تامنى چېقىۋەتتى؛
15يەنى، ئۆز ئەتلىرى ئارقىلىق ئۆچمەنلىكنى تۈگىتىپ، بەلگىلىمىلەرنى كۆرسەتكەن، ئەمرلەرنى يەتكۈزگەن قانۇننى بىكار قىلىپ، ئىككى تەرەپنى ئۆزىدە يېڭى بىر ئادەم قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭ بىلەن ئىناقلىقنى ئاپىرىدە قىلدى؛
16كرېستكە مىخلىنىپ مۇشۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆچمەنلىكنى قەتل قىلىپ، ئىككىسىنى بىر تەندە خۇدا بىلەن ئەپلەشتۈردى؛
17ئاندىن ئۇ كېلىپ، يىراقلاردا تۇرغان سىلەرگىمۇ ئىناقلىق خۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى، يېقىندىكىلەرگىمۇ ئىناقلىقنى جاكارلىدى.
18چۈنكى ھەر ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ ئارقىلىق بىر روھتا ئاتا ئالدىغا كىرىش ھوقۇقىمىز باردۇر.
19شۇڭا شۇنىڭدىن باشلاپ سىلەر مۇساپىرلار، ياقا يۇرتتىكىلەر ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس بەندىلەرگە ۋەتەنداش بولىسىلەر، خۇدانىڭ ئۆيىدىكىلىرىدىن بولىسىلەر؛
20سىلەر روسۇللار ۋە پەيغەمبەرلەر بولغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلماقتىسىلەر؛ بىنانىڭ «بۇرجەك تېشى» بولسا ئەيسا مەسىھ ئۆزىدۇر؛
21ئۇنىڭدا پۈتكۈل بىنا پۇختا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، رەبدە مۇقەددەس بىر ئىبادەتخانا بولۇشقا ئۆسۈپ بارماقتا.
22سىلەرمۇ قوشۇلۇپ ئۇنىڭدا خۇدانىڭ بىر تۇرالغۇسى بولۇشقا روھتا بىرلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلماقتىسىلەر.