1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ئەفەسۇستا تۇرۇۋاتقان مۇقەددەس بەندىلەرگە، يەنى مەسىھ ئەيسادا ئىخلاسمەن بولغانلارغا سالام!
2ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
3بىزنى مەسىھتە، ئەرشلەردە بارلىق روھىي بەخت-بەرىكەتلەر بىلەن بەرىكەتلىگەن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى ھەم ئاتىسى مۇبارەك بولغاي!
4چۈنكى ئۇ بىزنى، مۇھەببەت ئىچىدە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئالدىدا پاك-مۇقەددەس، داغسىز تۇرۇشىمىز ئۈچۈن ئالەم ئاپىرىدە قىلىنماي تۇرۇپلا تاللىۋالغانىدى؛
5ئۇ ئۆز ئىرادىسىگە ياققىنى بويىچە بىزنى ئالدىنئالا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۆزىگە ئوغۇللۇققا قوبۇل قىلىشقا بېكىتكەنىدى؛
6بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا مەدھىيە ئوقۇلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بىزنى ئۆز سۆيگىنىدە شاپائەتلەندۈرگەنىدى.
7بىز ئۇنىڭدا ئاتىنىڭ مېھىر-شەپقىتىنىڭ موللۇقى بىلەن ئۇنىڭ قېنى ئارقىلىق قۇللۇقتىن ھۆر قىلىنىشقا، ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزگە قارىتا كەچۈرۈمگە مۇيەسسەر بولدۇق؛
8ئۇ بۇ مېھىر-شەپقەتنى بارلىق دانالىق ھەم پەم-پاراسەت بىلەن بىزگە زور تارتۇقلىدىكى،
10ــ ئۇ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل خاھىشى بويىچە ئىرادىسىدىكى سىرنى، يەنى ۋاقىت-زامانلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىدارە قىلىشى بىلەن بارلىق مەۋجۇداتلارغا، يەنى ئەرشلەردە بولغاننىڭ ھەممىسىگە، زېمىندا بولغاننىڭ ھەممىسىگە مەسىھنى باش قىلىپ ئۇلارنى مەسىھتە جەم قىلىش مەقسىتىنى بىزگە ئايان قىلدى؛
11ئۇنىڭدا بىزمۇ خۇداغا مىراس قىلىنغان؛ بىز شۇ مەقسەتتە بارلىق ئىشلارنى ئەقىل-ئىرادىسى بويىچە ئىدارە قىلغۇچىنىڭ نىشانى بىلەن شۇ ئىشقا ئالدىنئالا بېكىتىلگەنىدۇق؛
12شۇنىڭ بىلەن مەسىھنى ئاۋۋال تايانچ قىلغان بىزلەر ئۇنىڭ شان-شەرپىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلغۇچى بولدۇق؛
13ھەقىقەتنىڭ كالام-سۆزىنى، يەنى نىجاتىڭلاردىكى خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ سىلەرمۇ ئۇنىڭغا تاياندىڭلار ــ ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگىنىڭلاردا، سىلەر ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس روھ بىلەن مۆھۈرلەندىڭلار.
14خۇدانىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئۇلۇغلۇقى نامايان قىلىنىپ، ئىگىلىكى ئۈزۈل-كېسىل ھۆر-نىجات قىلىنغۇچە، مۇقەددەس روھ مىراسىمىزنىڭ «كاپالەت»ى بولىدۇ.
15شۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ رەب ئەيساغا باغلىغان ئېتىقادىڭلار ۋە بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭلار توغرۇلۇق ئاڭلىغاندىن تارتىپ،
16دۇئالىرىمدا سىلەرنى ئەسلەپ، سىلەر ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنى توختاتمىدىم؛
17تىلەيدىغىنىم شۇكى، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خۇداسى، شان-شەرەپنىڭ ئىگىسى بولغان ئاتا سىلەرنىڭ ئۇنى تولۇق بىلىشىڭلارغا دانالىق ھەم ۋەھىينى ئۆزلەشتۈرگۈچى روھنى ئاتا قىلغاي،
18شۇنىڭ بىلەن سىلەرنىڭ قەلبتىكى كۆزلىرىڭلار روشەنلىشىپ، ئۇنىڭ چاقىرىقىغا باغلانغان ئۈمىدنىڭ نېمىلىكىنى، ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىدە بولغان شەرەپلىك مىراسىنىڭ قىممەتلىكلىكىنى
19ۋە ئۇنىڭ ئىشەنگۈچى بىزلەرگە زور كۈچى بىلەن قاراتقان قۇدرىتىنىڭ ھېسابسىز بۈيۈكلۈكىنى بىلىپ يەتكەيسىلەر؛
20دەل شۇ قۇدرەتنى ئۇ مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۇرۇپ، ئەرشلەردە ئۆزىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزغىنىدا ئۇنىڭدا يۈرگۈزگەنىدى؛
21پەقەت بۇ زاماندىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى زاماندىمۇ ئۇنى بارلىق ھۆكۈمرانلىقتىن، ھوقۇقتىن، كۈچ-قۇدرەتتىن، خوجايىنلىقتىن ۋە بارلىق تىلغا ئېلىنىدىغان ھەرقانداق نام-شەرەپتىن كۆپ ئۈستۈن قويغان؛
22بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئۇنىڭ پۇتلىرى ئاستىغا قويۇپ، جامائەت ئۈچۈن ئۇنى ھەممىگە باش بولۇشقا ئاتا قىلغان.
23جامائەت بولسا ئۇنىڭ تېنى، يەنى ھەممىنى ھەممە جەھەتتىن تولدۇرغۇچىنىڭ مۇكەممەل جەۋھىرىدۇر.