Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ئەستەر

ئەستەر 10

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1پادىشاھ ئاھاشۋېروش قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز ئاراللىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئالۋان تۆلىگۈزەتتى.
2ئۇنىڭ نوپۇز‫‪‎-‎‬‬ھەيۋىتى ۋە قۇدرىتىنى ئايان قىلغان بارلىق قىلغان‫‪‎-‎‬‬ئەتكەنلىرى، شۇنداقلا موردىكاينىڭ پادىشاھنىڭ ئۆستۈرۈشى بىلەن ئېرىشكەن كاتتا شۆھرىتى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار مېدىئا ۋە پارس پادىشاھلىرىنىڭ تارىخ‫‪‎-‎‬‬تەزكىرىلىرىدە پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟
3چۈنكى يەھۇدىي موردىكاينىڭ مەرتىۋىسى پادىشاھ ئاھاشۋېروشتىن كېيىنلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇراتتى؛ ئۇ دائىم ئۆز خەلق‫‪‎-‎‬‬مىللىتىنىڭ بەختىنى كۆزلەپ، بارلىق نەسلىدىكىلەرگە ئامان‫‪‎-‎‬‬ئېسەنلىك تىلەك سۆزلىرىنى قىلاتتى، يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا زور ئىززەت‫‪‎-‎‬‬ھۆرمەت تېپىپ، قېرىنداشلىرىنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەنىدى.