18شۇڭا، بۇ ئاگاھنى چىڭ تۇت، شۇنىڭدىن ئۇ ئاگاھنىمۇ قولۇڭدىن بەرمىگىنىڭ ياخشى؛ چۈنكى خۇدادىن قورقىدىغان كىشى ھەر ئىككىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق بولىدۇ.
19دانالىق دانا كىشىنى بىر شەھەرنى باشقۇرىدىغان ئون ھۆكۈمراندىن زىيادە كۈچلۈك قىلىدۇ.
20بەرھەق، يەر يۈزىدە دائىم مېھرىبانلىق يۈرگۈزىدىغان، گۇناھ سادىر قىلمايدىغان ھەققانىي ئادەم يوقتۇر.
21يەنە، خەقلەرنىڭ ھەممىلا گەپ-سۆزلىرىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمە؛ بولمىسا، ئۆز خىزمەتكارىڭنىڭ ساڭا لەنەت ئوقۇغانلىقىنى ئاڭلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن.
22چۈنكى كۆڭلۈڭدە، ئۆزۈڭنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش باشقىلارغا كۆپ قېتىم لەنەت قىلغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىسەن.
23بۇلارنىڭ ھەممىسىنى دانالىق بىلەن سىناپ باقتىم؛ مەن: «دانا بولىمەن» دېسەممۇ، ئەمما ئۇ مەندىن يىراق ئىدى.
24بارلىق يۈز بەرگەن ئىشلار بولسا ئەقلىمىزدىن يىراق، شۇنىڭدەك ئىنتايىن سىرلىقتۇر؛ كىم ئۇنى ئىزدەپ بىلىپ يېتەلىسۇن؟
25مەن چىن كۆڭلۈمدىن دانالىق ۋە ئەقلىي بىلىمنى بىلىشكە، سۈرۈشتۈرۈشكە ۋە ئىزدەشكە، شۇنداقلا رەزىللىكنىڭ ئەخمەقلىكىنى، ئەخمەقلىكنىڭ تەلۋىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشكە زېھنىمنى يىغدىم.
26شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى تور ۋە قىلتاق، قوللىرى ئاسارەت بولغان ئايالنىڭ ئۆلۈمدىن ئاچچىق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، بىراق گۇناھكار ئادەم ئۇنىڭغا تۇتۇلۇپ قالىدۇ.
27بۇ بايقىغانلىرىمغا قارا، ــ دەيدۇ ھېكمەت توپلىغۇچى ــ پاكىتلارنى بىر-بىرىگە باغلاپ سېلىشتۇرۇپ، ئەقىل ئىزدىدىم؛
28مېنىڭ قەلبىم ئۇنى يەنىلا ئىزدىمەكتە، بىراق تېخى تاپالمىدىم! ــ مىڭ كىشى ئارىسىدا بىر دۇرۇس ئەركەكنى تاپتىم ــ بىراق شۇ مىڭ كىشى ئارىسىدىن بىرمۇ دۇرۇس ئايالنى تاپالمىدىم.
29مانا كۆرگىن، مېنىڭ بايقىغانلىرىم پەقەت مۇشۇ بىرلا ــ خۇدا ئادەمنى ئەسلى دۇرۇس ياراتقان؛ بىراق ئادەملەر بولسا نۇرغۇنلىغان ھىيلە-مىكىرلەرنى ئىزدەيدۇ.