7چۈنكى چۈش كۆپ بولسا بىمەنىلىكمۇ كۆپ بولىدۇ؛ گەپ كۆپ بولسىمۇ ئوخشاشتۇر؛ شۇڭا، خۇدادىن قورققىن!
8سەن نامراتلارنىڭ ئېزىلگەنلىكىنى ياكى يەرلىك مەنسەپدارلارنىڭ ھەق-ئادالەتنى زوراۋانلارچە قايرىپ قويغانلىقىنى كۆرسەڭ، بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالما؛ چۈنكى مەنسەپداردىن يۇقىرى يەنە بىرسى كۆزلىمەكتە؛ ۋە ئۇلاردىنمۇ يۇقىرىسىمۇ باردۇر.