9ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ.
10يىقىلىپ كەتسە، بىرسى ھەمراھىنى يۆلەپ كۆتۈرىدۇ؛ بىراق يالغۇز ھالەتتە يىقىلىپ كەتسە، يۆلىگۈدەك باشقا بىرسى يوق بولسا، بۇ كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!
11يەنە، ئىككىسى بىللە ياتسا، بىر-بىرىنى ئىللىتىدۇ؛ لېكىن بىرسى يالغۇز ياتسا قانداق ئىللىتىلسۇن؟
12يەنە، بىراۋ يالغۇز بىر ئادەمنى يېڭىۋالغان بولسا، ئىككىسى ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالايدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۈچ قات ئارغامچا ئاسان ئۈزۈلمەس.