5ئەخمەق قول قوشتۇرۇپ، ئۆز گۆشىنى يەيدۇ.
6جاپا چېكىپ شامالنى قوغلاپ ئوچۇمىنى توشقۇزىمەن دېگەندىن، چاڭگىلىنى توشقۇزۇپ خاتىرجەملىكتە بولۇش ئەلادۇر.
7مەن يەنە زېھنىمنى يىغىپ، قۇياش ئاستىدىكى بىر بىمەنىلىكنى كۆردۇم؛
8بىرسى يالغۇز، تىكەندەك بولسىمۇ، شۇنداقلا نە ئوغلى نە ئاكا-ئۇكىسى بولمىسىمۇ ــ بىراق ئۇنىڭ جاپاسىنىڭ ئاخىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ كۆزى بايلىقلارغا تويمايدۇ. ئۇ: «مەن بۇنداق جاپالىق ئىشلەپ، جېنىمدىن زادى كىمگە ياخشىلىق قالدۇرىمەن؟» ــ دېگەننى سورىمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىك ۋە ئېغىر جاپادىن ئىبارەتتۇر.
9ئىككى بىردىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى ئىككى بولسا ئەمگىكىدىن ياخشى ئىنئام ئالىدۇ.