Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 3

ھېكمەت توپلىغۇچى 3:5-12

Help us?
Click on verse(s) to share them!
5تاشلارنى چۆرىۋېتىش ۋاقتى بار، تاشلارنى يىغىپ‫‪‎-‎‬‬توپلاش ۋاقتى بار؛ قۇچاقلاش ۋاقتى بار، قۇچاقلاشتىن ئۆزىنى تارتىش ۋاقتى بار؛
6ئىزدەش ۋاقتى بار، يوقالدى دەپ ۋاز كېچىش ۋاقتىمۇ بار؛
7يىرتىش ۋاقتى بار، تىكىش ۋاقتى بار؛ سۈكۈت قېلىش ۋاقتى بار، سۆز قىلىش ۋاقتى بار؛
8سۆيۈش ۋاقتى بار، نەپرەتلىنىش ۋاقتى بار؛ ئۇرۇش ۋاقتى بار، تىنچلىق ۋاقتى بار.
9ئىشلىگەن ئۆز ئىشلىگىنىدىن نېمە پايدا ئالىدۇ؟
10مەن خۇدا ئىنسان بالىلىرىغا يۈكلىگەن، ئىشلەپ جاپا تارتىش كېرەك بولغان ئىشنى كۆرگەنمەن.
11ئۇ ھەربىر ئىشنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گۈزەل بولىدىغانلىقىنى بېكىتكەن؛ ئۇ يەنە مەڭگۈلۈكنى ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە سالغان؛ شۇڭا، ئىنسان خۇدانىڭ ئۆز ھاياتىغا باشتىن ئاخىرغىچە نېمىنى بېكىتكەنلىكىنى بىلىپ يەتمەستۇر.
12ئىنسانلارغا ھاياتىدا شادلىنىش ۋە ياخشىلىق قىلىشتىن باشقا ئەۋزەل ئىش يوق ئىكەن دەپ بىلىپ يەتتىم.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 3ھېكمەت توپلىغۇچى 3
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 3:5-12ھېكمەت توپلىغۇچى 3:5-12