22چۈنكى ئىنسان قۇياش ئاستىدا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئەمگىكىدىن ۋە كۆڭلىنىڭ ئىنتىلىشلىرىدىن نېمىگە ئىگە بولىدۇ؟
23چۈنكى ئۇنىڭ بارلىق كۈنلىرى ئازابلىقتۇر، ئۇنىڭ ئەجرى غەشلىكتۇر؛ ھەتتا كېچىدە ئۇنىڭ كۆڭلى ھېچ ئارام تاپمايدۇ. بۇمۇ بىمەنىلىكتۇر.
24ئىنسان ئۈچۈن شۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئىش يوقكى، ئۇ يېيىشى، ئىچىشى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئەجرىدىن ھۇزۇر ئالدۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر؛ بۇنى خۇدانىڭ قولىدىندۇر، دەپ كۆرۈپ يەتتىم.