Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 1

ھېكمەت توپلىغۇچى 1:13-17

Help us?
Click on verse(s) to share them!
13مەن دانالىق بىلەن ئاسمانلار ئاستىدا بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى قېتىرقىنىپ ئىزدەشكە كۆڭۈل قويدۇم ــ خۇلاسەم شۇكى، خۇدا ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز‫‪‎-‎‬‬ئۆزىنى بەند قىلىپ ئۇپرىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇ ئېغىر جاپانى تەقدىم قىلغان!
14مەن قۇياش ئاستىدىكى بارلىق قىلىنغان ئىشلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ــ مانا، ھەممىسى بىمەنىلىك ۋە شامالنى قوغلىغاندەك ئىشتىن ئىبارەتتۇر.
15ئەگرىنى تۈز قىلغىلى بولماس؛ كەمنى تولۇق دەپ سانىغىلى بولماس.
16مەن ئۆز كۆڭلۈمدە ئويلىنىپ‫‪:‬‬ «مانا، مەن ئۇلۇغلىنىپ، مەندىن ئىلگىرى يېرۇسالېم ئۈستىگە بارلىق ھۆكۈم سۈرگەنلەردىن كۆپ دانالىققا ئېرىشتىم؛ مېنىڭ كۆڭلۈم نۇرغۇن دانالىق ۋە بىلىمگە ئېرىشتى» ــ دېدىم.
17شۇنىڭ بىلەن دانالىقنى بىلىشكە، شۇنىڭدەك تەلۋىلىك ۋە ئەخمىقانىلىكنى بىلىپ يېتىشكە كۆڭۈل قويدۇم؛ مۇشۇ ئىشنىمۇ شامال قوغلىغاندەك ئىش دەپ بىلىپ يەتتىم.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 1ھېكمەت توپلىغۇچى 1
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 1:13-17ھېكمەت توپلىغۇچى 1:13-17