3شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛
4كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛
5كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛
6كۈمۈش تانا ئۈزۈلگۈچە، ئالتۇن چىنە چېقىلغۇچە، ئاپتۇۋا بۇلاق يېنىدا پارە-پارە بولغۇچە، قۇدۇقتىكى چاق كاردىن چىققۇچە،