Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 12

ھېكمەت توپلىغۇچى 12:1-5

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەمدى يامان كۈنلەر بېشىڭغا چۈشمىگۈچە، شۇنداقلا سەن‫‪:‬‬ «بۇلاردىن ھېچ ھۇزۇرۇم يوقتۇر» دېگەن يىللار يېقىنلاشمىغۇچە ياشلىقىڭدا ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت؛
2قۇياش، يورۇقلۇق، ئاي ۋە يۇلتۇزلار قاراڭغۇلىشىپ، يامغۇردىن كېيىن بۇلۇتلار قايتىپ كەلمىگۈچە ئۇنى ئېسىڭدە تۇتقىن.
3شۇ كۈنى «ئۆينىڭ كۆزەتچىلىرى» تىترەپ كېتىدۇ؛ پالۋانلار ئېگىلىدۇ، ئەزگۈچىلەر ئازلىقىدىن توختاپ قالىدۇ، دېرىزىلەردىن سىرتقا قاراپ تۇرغۇچىلار غۇۋالىشىپ كېتىدۇ؛
4كوچىغا قارايدىغان ئىشىكلەر ئېتىلىدۇ؛ تۈگمەننىڭ ئاۋازى پەسىيدۇ، كىشىلەر قۇشلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا چۆچۈپ كېتىدۇ، «ناخشىچى قىزلار»نىڭ سايراشلىرى سۇس ئاڭلىنىدۇ؛
5كىشىلەر ئېگىزدىن قورقىدۇ، كوچىلاردا ۋەھىمىلەر بار دەپ قورقۇپ يۈرىدۇ؛ بادام دەرىخى چىچەكلەيدۇ؛ چېكەتكە ئادەمگە يۈك بولىدۇ، شىندىر مېۋىسى سولىشىدۇ؛ چۈنكى ئىنسان مەڭگۈلۈك ماكانىغا كېتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ماتەم تۇتقۇچىلار كوچىدا ئايلىنىپ يۈرىدۇ؛

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 12ھېكمەت توپلىغۇچى 12
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 12:1-5ھېكمەت توپلىغۇچى 12:1-5