Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - ھېكمەت توپلىغۇچى - ھېكمەت توپلىغۇچى 11

ھېكمەت توپلىغۇچى 11:6-9

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6سەھەردە ئۇرۇقۇڭنى تېرىغىن، كەچتىمۇ قولۇڭنى ئىشتىن قالدۇرما؛ چۈنكى نېمە ئىشنىڭ، ئۇ ياكى بۇ ئىشنىڭ پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.
7نۇر شېرىن بولىدۇ، ئاپتاپنى كۆرۈشمۇ ھۇزۇرلۇق ئىشتۇر.
8شۇڭا بىرسى كۆپ يىل ياشىغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ھۇزۇر ئالسۇن. ھالبۇكى، ئۇ يەنە قاراڭغۇلۇق كۈنلىرىنى ئېسىدە تۇتسۇن، چۈنكى ئۇلار كۆپ بولىدۇ؛ كەلگۈسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىمەنىلىكتۇر!
9ياشلىقىڭدىن ھۇزۇر ئال، ئى يىگىت؛ ياشلىقىڭ كۈنلىرىدە كۆڭلۈڭ ئۆزۈڭگە خۇشاللىقنى يەتكۈزگەي؛ كۆڭلۈڭ خالىغىنى بويىچە ۋە كۆزلىرىڭ كۆرگىنى بويىچە يۈرگىن؛ بىراق شۇنى بىلگىنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدا سېنى سوراققا تارتىدۇ.

Read ھېكمەت توپلىغۇچى 11ھېكمەت توپلىغۇچى 11
Compare ھېكمەت توپلىغۇچى 11:6-9ھېكمەت توپلىغۇچى 11:6-9