25 پەرۋەردىگار تەكەببۇرنىڭ ئۆيىنى يۇلۇۋېتەر؛ بىراق ئۇ تۇل خوتۇنلارغا پاسىللارنى تۇرغۇزار.
26 يامانلارنىڭ ئوي-پىكرى پەرۋەردىگارغا يىرگىنچلىكتۇر؛ بىراق ساپ دىلنىڭ سۆزلىرى سۆيۈملۈكتۇر.
27 ئاچ كۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە ئاۋارىچىلىك كەلتۈرەر؛ پارا ئېلىشقا نەپرەتلەنگەن كىشى كۈن كۆرەر.
28 ھەققانىي ئادەم قانداق جاۋاب بېرىشتە قايتا-قايتا ئويلىنار؛ يامان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن شۇملۇق تۆكۈلەر.
29 پەرۋەردىگار يامان ئادەمدىن يىراقتۇر؛ بىراق ئۇ ھەققانىينىڭ دۇئاسىنى ئاڭلار.
30 خۇش كۆزلەر كۆڭۈلنى شادلاندۇرار؛ خۇش خەۋەر ئۇستىخانلارغا گۆش-ماي قوندۇرار.