Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا «1»

يۇھاننا «1» 4

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1سۆيۈملۈكلىرىم، ھەربىر «ۋەھىي قىلغۇچى» روھلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىۋەرمەڭلار، بەلكى بۇ روھلارنىڭ خۇدادىن كەلگەن‫‪‎-‎‬‬كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيادىكى جاي‫‪‎-‎‬‬جايلارغا پەيدا بولدى.  
2خۇدانىڭ روھىنى مۇنداق پەرقلەندۈرەلەيسىلەر‫‪:‬‬ ئەيسانى، يەنى دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن مەسىھنى ئېتىراپ قىلغۇچى ھەربىر روھ خۇدادىن بولىدۇ.
3ۋە دۇنياغا ئىنسانىي تەندە كەلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېتىراپ قىلمايدىغان روھ خۇدادىن كەلگەن ئەمەس. بۇنداقلاردا ئەكسىچە دەججالنىڭ روھى ئىشلەيدۇ؛ سىلەر بۇ روھنىڭ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاڭلىغانىدىڭلار ۋە دەرۋەقە ئۇ ھازىر دۇنيادا پەيدا بولدى.  
4ئەي ئەزىز بالىلىرىم، سىلەر بولساڭلار خۇدادىن بولغانسىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غالىب كەلدىڭلار؛ چۈنكى سىلەردە تۇرغۇچى بۇ دۇنيادا تۇرغۇچىدىن ئۈستۈندۇر.
5ئۇلار بولسا بۇ دۇنياغا مەنسۇپ؛ شۇڭا ئۇلار بۇ دۇنيانىڭ سۆزلىرىنى قىلىدۇ ۋە بۇ دۇنيادىكىلەر ئۇلارغا قۇلاق سالىدۇ.
6بىز بولساق خۇدادىن بولغانمىز؛ خۇدانى تونۇغان كىشى بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلايدۇ. خۇدادىن بولمىغان كىشى بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. مانا بۇنىڭدىن ھەقىقەتنىڭ روھى بىلەن ئېزىتقۇلۇقنىڭ روھىنى پەرق ئېتەلەيمىز.  
7ئى سۆيۈملۈكلىرىم، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىزگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتەيلى؛ چۈنكى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتنىڭ ئۆزى خۇدادىندۇر ۋە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەربىرى خۇدادىن تۇغۇلغان بولىدۇ ۋە خۇدانى تونۇيدۇ.
8مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتمىگۈچى كىشى خۇدانى تونۇمىغان بولىدۇ؛ چۈنكى خۇدا ئۆزى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتۇر.
9خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى بىزدە شۇنىڭ بىلەن ئاشكارا بولدىكى، خۇدا بىزنى ئۇنىڭ ئارقىلىق ھاياتقا ئېرىشسۇن دەپ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى دۇنياغا ئەۋەتتى.
10مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت دەل شۇنىڭدىن ئايانكى، بىزلەرنىڭ خۇدانى سۆيگىنىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئۆزى بىزنى سۆيۈپ گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى كۆتۈرگۈچى كافارەت بولۇشقا ئۆز ئوغلىنى ئەۋەتكىنى بىلەن ئاياندۇر.
11ئى سۆيۈملۈكلىرىم، خۇدا بىزگە شۇ قەدەر مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتكەن يەردە، بىزمۇ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىزگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىشكە قەرزداردۇرمىز.
12ھېچكىم ھېچقاچان خۇدانى كۆرگەن ئەمەس؛ لېكىن بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىزگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتسەك، خۇدا بىزدە ياشايدۇ ۋە ئۇنىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى بىزدە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ.
13بىز بىزنىڭ ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بىزدە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭدىن بىلىمىزكى، ئۇ ئۆز روھىنى بىزگە ئاتا قىلغان.
14بىز شۇنى كۆرگەن ۋە شۇنداقلا شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمىزكى، ئاتا ئوغۇلنى دۇنياغا قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا ئەۋەتتى.
15ئەگەر كىمدەكىم ئەيسانى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىراپ قىلسا، خۇدا ئۇنىڭدا، ئۇمۇ خۇدادا ياشايدۇ.
16بىز بولساق خۇدانىڭ بىزگە بولغان مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتىنى تونۇپ يەتتۇق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئىشەندۇق. خۇدا ئۆزى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتۇر ۋە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتە ياشىغۇچى كىشى خۇدادا ياشايدۇ، خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدۇ.
17مۇشۇنداق بولغاندا، مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت بىزدە مۇكەممەللىشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىز سوراق كۈنىدە خاتىرجەم‫‪‎-‎‬‬قورقماس بولالايمىز. چۈنكى ئەيسا قانداق بولۇۋاتقان بولسا بىزمۇ ھازىر بۇ دۇنيادا شۇنداق بولۇۋاتىمىز.
18مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتە قورقۇنچ يوقتۇر؛ كامىل مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت قورقۇنچنى ھەيدەپ يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى قورقۇنچ خۇدانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىقتۇر؛ قورقۇنچى بار كىشى مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتتە كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئەمەستۇر.

19بىز مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىمىز، چۈنكى خۇدا ئالدى بىلەن بىزگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتتى.
20ئەگەر بىرسى «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى كۆز ئالدىدىكى قېرىندىشىنى سۆيمىگەن يەردە، كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟
21شۇڭا بىزدە ئۇنىڭدىن‫‪:‬‬ «خۇدانى سۆيگەن كىشى قېرىندىشىنىمۇ سۆيسۇن» دېگەن ئەمر باردۇر.