Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا «1»

يۇھاننا «1» 1

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1ئەزەلدىن بار بولغۈچى، ئۆزىمىز ئاڭلىغان، ئۆز كۆزلىرىمىز تىكىلىپ قارىغان ۋە قوللىرىمىز بىلەن تۇتۇپ سىلىغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا سىلەرگە بايان قىلىمىز
2(بۇ ھاياتلىق بىزگە ئايان بولۇپ، بىز ئۇنى كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىمىز ھەمدە ئاتا بىلەن بىللە بولۇپ، كېيىن بىزگە ئايان بولغان شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى سىلەرگە بايان قىلىمىز)
3ــ سىلەرنىمۇ بىز بىلەن سىرداش‫‪‎-‎‬‬ھەمدەملىكتە بولسۇن دەپ بىز كۆرگەنلىرىمىزنى ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزنى سىلەرگە بايان قىلىمىز. بىزنىڭ سىرداش‫‪‎-‎‬‬ھەمدەملىكىمىز ئاتا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بىلەندۇر.
4سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەرگە يېزىۋاتىمىز.
5ۋە بىز ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان ھەم سىلەرگە بايان قىلىدىغان خەۋىرىمىز مانا شۇدۇركى، خۇدا نۇردۇر ۋە ئۇنىڭدا ھېچقانداق قاراڭغۇلۇق بولمايدۇ.
6ئەگەر بىز ئۇنىڭ بىلەن سىرداش‫‪‎-‎‬‬ھەمدەملىكىمىز بار دەپ تۇرۇپ، يەنىلا قاراڭغۇلۇقتا يۈرسەك، يالغان ئېيتقان ۋە ھەقىقەتكە ئەمەل قىلمىغان بولىمىز.
7لېكىن ئۇ ئۆزى نۇردا بولغىنىدەك بىزمۇ نۇردا ماڭساق، ئۇنداقتا بىزنىڭ بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىز بىلەن سىرداش‫‪‎-‎‬‬ھەمدەملىكىمىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ قېنى بىزنى بارلىق گۇناھتىن پاكلايدۇ.  
8ئەگەر گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ھەمدە بىزدە ھەقىقەت تۇرمايدۇ.
9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئۇ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق ھەققانىيسىزلىقتىن پاك قىلىشقا ئىشەنچلىك ھەم ئادىلدۇر.   
10ئەگەر گۇناھ قىلمىدۇق دېسەك، ئۇنى يالغانچى قىلىپ قويغان بولىمىز ۋە ئۇنىڭ سۆز‫‪‎-‎‬‬كالامى بىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ.