Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - يۇھاننا «1»

يۇھاننا «1» 3

Help us?
Click on verse(s) to share them!
1قاراڭلار، ئاتا بىزگە شۇنداق چوڭقۇر مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتكەنكى، بىز «خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرى» دەپ ئاتالدۇق ــ ۋە بىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. بۇ دۇنيا شۇ سەۋەبتىن بىزنى تونۇپ يەتمەيدۇكى، چۈنكى بۇ دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى.  
2سۆيۈملۈكلىرىم، بىز ھازىر خۇدانىڭ ئەزىز بالىلىرىدۇرمىز؛ كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق ئۇ قايتىدىن ئايان قىلىنغاندا، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز؛ چۈنكى شۇ چاغدا بىز ئۇنىڭ ئەينەن ئۆزىنى كۆرىمىز.  
3ۋە مەسىھگە ئۈمىد باغلىغان ھەربىر كىشى ئۇ پاك بولغاندەك ئۆزىنى پاكلىماقتا.
4گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.  
5ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى گۇناھلارنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن دۇنياغا كېلىپ ئايان قىلىنغان ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدا ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇر، دەپ بىلىسىلەر.  
6ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان ھەربىر كىشى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ كىمدەكىم گۇناھ سادىر قىلسا، ئۇنى كۆرمىگەن ۋە ئۇنى تونۇمىغان بولىدۇ.
7ئەزىز بالىلىرىم، ھېچكىمنىڭ سىلەرنى ئالدىشىغا يول قويماڭلار. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغۇچى كىشى ئۇ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر.  
8لېكىن گۇناھ سادىر قىلغۇچى ئىبلىستىندۇر. چۈنكى ئىبلىس ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ دۇنيادا ئايان قىلىنىشىدىكى مەقسەت ئىبلىسنىڭ ئەمەللىرىنى يوقىتىشتۇر.
9خۇدادىن تۇغۇلغۇچى گۇناھ سادىر قىلمايدۇ؛ خۇدانىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغاچقا، ئۇ گۇناھ سادىر قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ خۇدادىن تۇغۇلغاندۇر.   
10خۇدانىڭ بالىلىرى بىلەن ئىبلىسنىڭ بالىلىرى شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، كىمدەكىم ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلمىسا ۋە ياكى ئۆز قېرىندىشىغا مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسەتمىسە خۇدادىن ئەمەستۇر.
11چۈنكى سىلەر دەسلەپتىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان خەۋەر مانا دەل شۇكى، بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىزگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىز كېرەكتۇر.
12ئۇ ئۇ رەزىلدىن بولغان، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماسلىقىمىز كېرەك؛ ئۇ نېمىشقا ئىنىسىنى قەتل قىلدى؟ ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى رەزىل، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان.
13شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، بۇ دۇنيا سىلەرنى ئۆچ كۆرسە، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار.
14بىز قېرىنداشلارنى سۆيگەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. ئۆز قېرىندىشىنى سۆيمىگۈچى تېخى ئۆلۈمدە تۇرۇۋاتىدۇ.
15قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى قاتىلدۇر ۋە ھېچقانداق قاتىلدا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.   
16بىز شۇنىڭ بىلەن مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىمىزكى، ئۇ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى؛ شۇنىڭدەك بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا قەرزداردۇرمىز.   
17ئەمما كىمكى بۇ دۇنيادا مال‫‪‎-‎‬‬مۈلكى تۇرۇپ، قېرىندىشىنىڭ موھتاجلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا كۆكسى‫‪‎-‎‬‬قارنىنى ئاچمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببىتى بولسۇن؟   
18ئەزىز بالىلىرىم، سۆز بىلەن ۋە تىل بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدە ۋە ھەقىقەتتە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.

19بىز شۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتتىن بولغانلىقىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە خۇدانىڭ ئالدىدا قەلبىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز.
20شۇنداقتىمۇ، مۇبادا قەلبىمىز بىزنى يەنىلا ئەيىبلىسە، خۇدا يەنىلا قەلبىمىزدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.
21سۆيۈملۈكلىرىم، ئەگەر قەلبىمىز بىزنى ئەيىبلىمىسە، خۇدانىڭ ئالدىدا يۈرەكلىك تۇرىمىز
22ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭدىن نېمىنى تىلىسەك شۇنىڭغا ئېرىشەلەيمىز؛ چۈنكى بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمىز.
23ۋە ئۇنىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئۇنىڭ بىزگە تاپىلىغىنىدەك بىر‫‪‎-‎‬‬بىرىمىزگە مېھىر‫‪‎-‎‬‬مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.   
24ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشى خۇدادا ياشايدىغان ۋە خۇدامۇ ئۇنىڭدا ياشايدىغان بولىدۇ. ئەمدى خۇدانىڭ بىزدە ياشايدىغانلىقىنى بىلگىنىمىز بولسا، ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان روھتىندۇر.