Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 8

لاۋىيلار 8:6-11

Help us?
Click on verse(s) to share them!
6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇيۇپ،
7ھارۇنغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى.
8ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ،   
9بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى.
10ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى.
11ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا‫‪‎-‎‬‬قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى.

Read لاۋىيلار 8لاۋىيلار 8
Compare لاۋىيلار 8:6-11لاۋىيلار 8:6-11