Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 6

لاۋىيلار 6:20-25

Help us?
Click on verse(s) to share them!
20ھارۇن مەسىھلىنىدىغان كۈنىدە ئۇ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىدىغىنى مۇنداق بولۇشى كېرەك‫‪:‬‬ ــ ئۇلار ئۈزۈلمەس ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى سۇنۇشى كېرەك؛ ئەتىگىنى يېرىمىنى، ئاخشىمى يەنە يېرىمىنى سۇنسۇن.
21ئۇ تاۋىدا زەيتۇن مېيى بىلەن ئېتىلسۇن؛ ئۇ زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر؛ ئاشلىق ھەدىيەنىڭ پىشۇرۇلغان پارچىلىرىنى خۇشبۇي سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغىن.
22ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ ھەدىيەنى شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن.
23كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن.
24پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى‫‪:‬‬ ــ
25ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن‫‪:‬‬ ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە‫‪‎-‎‬‬نىزام مۇنداق‫‪:‬‬ ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ.

Read لاۋىيلار 6لاۋىيلار 6
Compare لاۋىيلار 6:20-25لاۋىيلار 6:20-25