10ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن.
11كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
12ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى ئۆچكە بولسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرسۇن.
13ئۇ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن.