Text copied!
CopyCompare
مۇقېددېس‭ ‬كالام (‭‬يەنگى‭ ‬يېزىق‭ ‬ ) - لاۋىيلار - لاۋىيلار 26

لاۋىيلار 26:38-45

Help us?
Click on verse(s) to share them!
38ئەللەرنىڭ ئارىسىدا ھالاك بولىسىلەر، دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنى سىلەرنى يەپ كېتىدۇ.
39ئاراڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالغانلىرى بولسا ئۆز رەزىللىكى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا زەئىپلىشىدۇ؛ ۋە ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ رەزىللىكىدىمۇ يۈرۈپ، شۇلار زەئىپلەشكەندەك ئۇلارمۇ زەئىپلىشىدۇ.
40ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزى قىلغان رەزىللىكى بىلەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرىنىڭ سادىر قىلغان رەزىللىكىنى، ماڭا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى تۇرۇپ ماڭغىنىنى بوينىغا ئالىدۇ،
41شۇنىڭدەك مېنىڭ ئۇلارغا قارشى ماڭغىنىمغا، شۇنىڭدەك ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىمغا ئىقرار بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خەتنىسىز كۆڭلى تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلسا،
42ئۇنداقتا مەن ياقۇپ بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى ياد قىلىپ، ئىسھاق بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ۋە ئىبراھىم بىلەن باغلىغان ئەھدەمنىمۇ ئېسىمگە كەلتۈرىمەن، زېمىننىمۇ ياد قىلىمەن.
43چۈنكى زېمىن ئۇلاردىن تاشلىنىپ، ئۇلارسىز بولۇپ خارابە تۇرغان ۋاقىتتا، شابات كۈنلىرىدىن سۆيۈنىدۇ؛ ئۇلار بولسا ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ سەۋەبى دەل شۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھۆكۈملىرىمنى تاشلىدى، بەلگىلىمىلىرىمنى قەلبىدىن يامان كۆرگەنىدى.
44ھالبۇكى، شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدا تۇرغىنىدا مەن ئۇلارنى تاشلىمايمەن ياكى ئۇلارغا ئۆچلۈك قىلمايمەن، شۇنىڭدەك ئۇلار بىلەن باغلىغان ئەھدەمنى بۇزمايمەن، ئۇلارنى يوقاتمايمەن؛ چۈنكى مەن ئۆزۈم ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
45مەن بەلكى ئۇلارنى دەپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولۇشقا ئەللەرنىڭ كۆزى ئالدىدا مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلگەن ئاتا‫‪‎-‎‬‬بوۋىلىرى بىلەن باغلاشقان ئەھدەمنى ئېسىمدە تۇتىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

Read لاۋىيلار 26لاۋىيلار 26
Compare لاۋىيلار 26:38-45لاۋىيلار 26:38-45