20بىرەر ئەزاسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن بولسا، ئۇنىڭمۇ سۇندۇرۇلسۇن؛ كۆزىگە-كۆز، چىشىغا-چىش ناكار قىلىنسۇن؛ باشقا كىشىنى قانداق زەخمىلەندۈرگەن بولسا ئۇمۇ ھەم شۇنداق قىلىنسۇن.
21كىمدەكىم بىر چارپاينى ئۆلتۈرسە، چارپاي تۆلەپ بەرسۇن؛ ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشى بولسا، ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنسۇن.
22سىلەردە بىرلا قانۇن بولسۇن. مۇساپىر ياكى يەرلىك بولسۇن، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنسۇن؛ چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن.
23مۇسا ئىسرائىللارغا شۇلارنى دېدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار شۇ قارغىغۇچىنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنىدەك قىلدى.