4بوينۇڭ پىل چىشلىرىدىن ياسالغان مۇناردۇر؛ كۆزلىرىڭ بات-راببىم قوۋۇقى بويىدىكى ھەشبون كۆلچەكلىرىدەك، بۇرنۇڭ دەمەشققە قارايدىغان لىۋان مۇنارىدەكتۇر؛
5ئۈستۈڭدە بېشىڭ كارمەل تېغىدەك تۇرىدۇ؛ بېشىڭدىكى ئۆرۈمە چاچلىرىڭ سۆسۈن رەڭلىكتۇر، پادىشاھ بۈدۈر چاچلىرىڭنىڭ مەھبۇسىدۇر.
6ئى سۆيگىنىم، ھۇزۇرلار ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل، شۇنچە يېقىملىقتۇرسەن!
7سېنىڭ بويۇڭ پالما دەرىخىدەك، كۆكسۈڭ ئۈزۈم غۇنچىلىرىدەكتۇر.