3شەھەرنى چارلىغۇچى جېسەكچىلەر ماڭا ئۇچرىدى، مەن ئۇلاردىن: ــ «جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى كۆردۈڭلارمۇ؟» ــ دەپ سورىدىم.
4ــ ئۇلاردىن ئايرىلىپلا جېنىمنىڭ سۆيگىنىنى تاپتىم؛ ئۇنى ئانامنىڭ ئۆيىگە، ئۆز قورسىقىدا مېنى ھامىلىدار بولغاننىڭ ھۇجرىسىغا ئېلىپ كىرمىگۈچە، ئۇنى تۇتۇۋېلىپ قەتئىي قويۇپ بەرمەيتتىم».
5«ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، جەرەنلەر ۋە دالادىكى ماراللارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن، سىلەرگە تاپىلايمەنكى، مۇھەببەتنىڭ ۋاقىت-سائىتى بولمىغۇچە، ئۇنى ئويغاتماڭلار، قوزغىماڭلار».
6«بۇ زادى كىم، چۆل-باياۋاندىن كېلىۋاتقان؟ ئىس-تۈتەك تۈۋرۈكلىرىدەك، مۈرمەككى ھەم مەستىكى بىلەن پۇرىتىلغان، ئەتىرپۇرۇشنىڭ ھەرخىل ئىپار-ئەنبەرلىرى بىلەن پۇرىتىلغان؟»